رابىيە قادىر خانىم سۇرىھتىكى پائالىيەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ گېرمانىيىگە قايتىپ كەلدى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بىر قانچە كۈندىن بۇيان، شىۋېتسارىيىنىڭ پايتەختى بەرىن، جەنۋە ۋە سۇرىھ شەھەرلىرىدە شىۋېتسارىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى، شىۋېتسارىيە پارلامېنتىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەربابلار بىلەن ئۇچرىشىپ، سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن سىرت، شىۋېتسارىيىنىڭ داڭلىق مەتبۇئات مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

0:00 / 0:00

رابىيە قادىر خانىم مەزكۇر ئۇچرىشىشلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيىتىنى شىۋېتسارىيە دائىرىلىرىگە ئاڭلىتىش ۋە بۇ ئارقىلىق شىۋېتسارىيىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشىنى تەشەببۇس قىلدى. بىز ئۆتكەنكى مەلۇماتلىرىمىزدا رابىيە قادىر خانىمنىڭ بەرىن ۋە جەنۋە شەھەرلىرىدىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەرگەن ئىدۇق.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، شىۋېتسارىيىدىكى بىر قانچە كۈنلۈك زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 4 ‏- مارت كۈنى چۈشتىن كېيىن گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىگە يېتىپ كەلدى.

رابىيە قادىر خانىم شىۋېتسارىيىدىكى زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە شىۋېتسارىيىنىڭ سۇرىھ شەھىرىدە چۈشتىن بۇرۇن شىۋېتسارىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ۋە خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرى تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىنغان بولۇپ، رابىيە قادىر خانىم بۇ ئىككى تەشكىلاتقا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت، دىنىي ۋە ئىرقىي جەھەتلەردە دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇملىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن.

رابىيە خانىم مەزكۇر تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىگە ئىزچىل تۈردە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقىغا ئالاھىدە رەخمەت بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى سىياسى پائالىيەتلىرىنىڭ كۈن تەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، داۋاملىق سوراپ تۇرۇشىنى ۋە گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى شىۋېتسارىيە دۆلەت تەۋەلىكىگە قوبۇل قىلىشتا ھۆكۈمەتكە تەلەپ سۇنۇشىنى ئىلتىماس قىلغان.

رابىيە قادىر خانىم، يۇقىرىقى ئىككى تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبىتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ، سۇرىھنىڭ مەشھۇر گېزىتلىرىدىن بولغان كۈنلۈك خەۋەرلەر گېزىتىنىڭ مۇخبىرى بىلەن 1 يېرىم سائەتتىن ئارتۇق سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. رابىيە قادىر خانىمنىڭ كۈنلۈك خەۋەرلەر گېزىتىنىڭ مۇخبىرى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتى ھەققىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى تونۇشتۇرۇش بېرىپ ئۆتتى.

كۈنلۈك خەۋەرلەر گېزىتىنىڭ مۇخبىرى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتتىن كېيىن، رابىيە قادىر خانىم شىۋېتسارىيىدە گۇئانتانامودىن سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلغان ئادىل نۇردوننىڭ ئادۋوكاتى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ ئادىل ئۈچۈن ئىشلىگەن خىزمەتلىرىگە ئالاھىدە رەخمەت ئېيتقان ۋە ئادۋوكاتتىن ئادىلنىڭ سىياسى پاناھلىق ئىشلىرىنىڭ نەتىجىلىك بولۇشىغا يەنىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى ئۆتۈنگەن.

ئەسقەرجان ئەپەندىم سۆزىدە، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ شىۋېتسارىيىدىكى پائالىيەتلىرىنىڭ ناھايىتى غەلىبىلىك ئاياقلاشقانلىقىنى، ئۇنىڭ گېرمانىيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپلىق ئىشخانىسىدا يېقىندىن بۇيان ئېلىپ بېرىلغان خىزمەتلەرنى كۆزدىن كۆچۈرۈش شۇنىڭدەك گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچرىشىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى شۇنىڭدەك گېرمانىيە دولقۇنلىرى تېلېۋىزىيىسى بىلەن ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيىسىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۆھتەرەم ئوقۇرمەنلەر، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدە ئېلىپ بارىدىغان زىيارەت پائالىيەتلىرى ھەققىدە سىلەرنى داۋاملىق خەۋەرلەندۈرۈمىز.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، رابىيە قادىر خانىمنىڭ مەزكۇر پائالىيەتلىرى توغرىسىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.