رابىيە قادىر خانىم سۆزىدە يەنە، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلارغا قۇچاق ئېچىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. بۇ دوكلات بېرىش يىغىنىغا پارلامېنت ئەزالىرى كەچۈرۈم تەشكىلاتى مەسئۇللىرى ۋە ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىلاردىن بولۇپ 500دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان.
د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، باش كاتىپ دولقۇن ئېيسا، مۇئاۋىن رېئىسلەردىن ئابدۇسەمەتتىن تەركىپ تاپقان ھەيئەت 3 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنى زىيارەت قىلىپ ئۇلار بىلەن ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.
رابىيە قادىر خانىم 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى گوللاندىيىدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ۋاشىنگتونغا قايتماقچى. بىز بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن رابىيە قادىر خانىم ۋە سەمەت ئەپەندىلەر بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.