رابىيە قادىر خانىم فرانسىيە ۋە ئىتالىيىدە مۇھىم سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئىتالىيە ۋە فرانسىيىدە ئېلىپ بارىدىغان 5 كۈنلۈك زىيارىتىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي ئەھۋالى، بولۇپمۇ يوق بولۇپ كېتىش خەۋىپى ئاستىدىكى مىللىي مەدەنىيىتى توغرىسىدا، مەزكۈر دۆلەتلەردىكى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان يىغىن ۋە پائالىيەتلەردە مەخسۇس دوكلات بېرىدۇ.

0:00 / 0:00

5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھەمدە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ پائالىيەتلىرى توغرىىسىدا بېرىلگەن مەلۇماتلار ئىلگىرىكىگە قارىغاندا پەۋقۇلئاددە دەرىجىدە كۆپ ئېلان قىلىنماقتا، شۇنىڭ بىلەن تەڭ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ياۋرۇپا ئەللىرىدىكى، ئامېرىكىدىكى ھەر قايسى شىتات ۋە شەھەرلەردىكى، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، سىياسىي پارتىيىلەر، خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە ئاممىۋى جەمئىيەتلەر تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان يىغىن ۋە پائالىيەتلەرگە ئالاھىدە مېھمان سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىنماقتا.

بۇيىل 10 ‏- ئايغىچە رابىيە قادىر خانىم، ئىتالىيە، فرانسىيە، شىۋىتسىيە، گوللاندىيە، بېلگىيە، نورۋىگىيە، شىۋىتسارىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە جەمئى 22 قېتىم، ئامېرىكا ئىچىدە 6 قېتىم ئۆتكۆزۆلگەن پائالىيەتلەرگە قاتناشقان بولۇپ، رابىيە خانىم بىر قىسىم دۆلەتلەردە ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن سىياسىي زۇلۇم، بولۇپمۇ 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە گۇناھسىز ئۆلتۈرۈلگەن ۋە تۈرمىلەرگە تاشلانغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات ئاڭلاتسا، يەنە بىر قىسىم دۆلەتلەردە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتى تەسۋىرلەنگەن يەنى پۈتۈن ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ھۆججەتلىك سىياسىي فىلىم "مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى" ناملىق فىلىم كۆرسىتىلگەن فىلىم فېستىۋاللىرىغا ئىشتىراك قىلغان.

ئىتالىيە ۋە فرانسىيىدە، رابىيە قادىر خانىم ئايرىم ‏- ئايرىم 3 قېتىم زىيارەتتە بولغان بولۇپ، بۇ قېتىم ئۇنىڭ بىر يىل ئىچىدە 4 ‏- قېتىم مەزكۈر ئىككى دۆلەتتە زىيارەتتە بولۇشى ھېسابلىنىدۇ.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياردەمچىسى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى زۈبەيرە خانىم، رابىيە قادىر خانىمنىڭ فرانسىيىنىڭ لىئون شەھىرىدە ئېلىپ بارىىدىغان پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

زۇبەيرە خانىم يەنە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ فرانسىيىدىكى 2 كۈنلۈك زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 23 ‏- ئۆكتەبىر كۈنى ئىتالىيىنىڭ رىم شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان "ئەركىنلىك مارشى" ناملىق پائالىيەتكە مۇھىم يېتەكچى سۈپىتىدە ئىشتىراك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.