رابىيە قادىر خانىم جەنۋەدە ب د ت خادىملىرى بىلەن ئۇچراشتى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، 2009 - يىلى 3 ‏- مارت كۈنى، شۋېتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالى كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن يۇلىيان بۇرگېر خانىم ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىسى بىلەن كۆرۈشتى.

0:00 / 0:00

رابىيە قادىر خانىم كۆرۈشۈشتە ئۇلارغا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى، ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى ئاستىدىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇماتلارنى ئاڭلاتقان، شۇنىڭدەك يۇلىيان خانىمنىڭ گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىگە ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن .

رابىيە قادىر خانىم يۇلىيان بۇرگېر خانىم بىلەن بىر سائەتتىن ئارتۇق سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالى كومىتېتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمىگە مەسئۇل كرىستىنا چوڭ خانىم بىلەن كۆرۈشۈپ، ئوخشاشلا ئۇنىڭغىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇش، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇراسىمىنىڭ ئالدى كەينىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە دۇچ كەلگەنلىكى، ھەتتا نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ تۈرمىلەرگە قامالغانلىقى توغرىسىدا توختالغان.

بۇ ھەقتىكى ئۇزۇن سۆھبەتتىن كېيىن، رابىيە قادىر خانىم، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالى كومىتېتىنىڭ تېررورچىلىققا زەربە بېرىش بۆلۈمىنىڭ خادىمى سائۇنىيا كىرونېن خانىم بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان رابىيە قادىر خانىم، شىۋېتسارىيدىكى پائالىيەتلەرنىڭ ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالى كومىتېتىنىڭ ھەرقايسى بۆلۈم مەسئۇللىرى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتلىرىگە بىرگە قاتناشقان ئەسقەرجان ئەپەندىم، رابىيە قادىر خانىمنىڭ تېررورچىلىققا زەربە بېرىش بۆلۈمىنىڭ خادىمى سائۇنىيا خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

رابىيە قادىر خانىم، جەنۋەدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالى كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئايرىم - ئايرىم سۆھبەتلەر ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن شىۋېتسارىيىدىكى تونۇلغان مەتبۇئات مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارغىمۇ ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي ۋەزىيەت توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن.

4 ‏- مارت كۈنى، رابىيە قادىر خانىم شۋېتسارىيىنىڭ پايتەختى بەن شەھىرىدە شۋېتسارىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خادىملىرى بىلەن كۆرۈشۈش، ئۇلارغا شىۋېتسارىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى ھەمدە گۇئانتانامودىكى 17 نەپەر ئۇيغۇر ئارىسىدىكى 3 ئۇيغۇرنىڭ شىۋېتسارىيىگە ئورۇنلىشىش ئىلتىماسى ئۈستىدە توختىلىش ھەمدە شۋېتسارىيە پارلامېنتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىسسىيىسىنىڭ رەئىسى ۋە مەزكۇر كومىسسىيىنىڭ مىللەت ۋەكىللىرى بىلەن تونۇشۇپ ئۇلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغاندىن سىرت، رابىيە قادىر خانىم شۋېتسارىيىنىڭ بەندە تۇرۇشلۇق 3 چوڭ گېزىتخانا مۇخبىرلىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدىكەن.

بىز رابىيە قادىر خانىمنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە داۋاملىق مەلۇمات بېرىمىز.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ تېلېفون زىيارىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.