رابىيە قادىر خانىم جەنۋەدە `4 ‏- نۆۋەتلىك دۇنيا ئۆلۈم جازاسىغا قارشى تۇرۇش` يىغىنىغا قاتناشتى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، شۋېتسارىيىدە ئېچىلغان "4 ‏- نۆۋەتلىك دۇنيا ئۆلۈم جازاسىغا قارشى تۇرۇش" يىغىنىغا قاتناشتى.

0:00 / 0:00

بۇ يىغىنغا 120 ئەتراپىدا دۆلەتتىن مىنىستىرلار، پارلامېنت ئەزالىرى، ئاممىۋىي تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى قاتناشقان بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئالىم سېيىتوف قاتناشقان.

يىغىندا ئەڭ كۆپ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىۋاتقان خىتاي ۋە ئىرانغا ئوخشاش دۆلەتلەر ئەيىبلەنگەن.

رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئالىم سېيىتوف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى يىغىن ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.