0:00 / 0:00
ئۇ يىغىندا قىلغان سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى ئاڭلاتقان. ئۇ نۇتۇقىدا نۇقتىلىق ھالدا 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە توختالغان. شىۋىتسارىيىنىڭ پايتەختى جەنۋەدە ئېچىلىۋاتقان "ئىنسان ھەقلىرى ئالىي يىغىنى"غا 55 ئەتراپىدا دۆلەتتىن ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلات مەسۇللىرى ۋە ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى قاتناشقاندىن باشقا 800 ئەتراپىدا مېھمان قاتناشقان.
رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئالىم سېيىتوۋ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، پائالىيەتلىرى ۋە بۇ يىغىن ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات بەردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.