" ئەجدىھا بىلەن ئېلىشقۇچى: بىر ئايالنىڭ تىنچلىق ئۈچۈن خىتاي بىلەن ئېلىشىشى ھەققىدە داستان" ناملىق كىتاب ئىلگىرى " ئەجدىھا بىلەن ئېلىشقان ئايال" دەپمۇ ئاتالغان بولۇپ، بۇ كىتابنىڭ نەشر قىلىنىش ھەققىدە توختالغان نەشرىيات باشلىقى ۋە مەزكۇر كىتابنىڭ نەشر قىلغۇچىسى كەننىس كەيلس Kenneth Kales ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ بۇ كىتابى ئىنگلىز تىلىدا نەشر قىلىشىغا رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتى پائالىيىتىدىكى تەسىرلىك كەچمىشلەر سەۋەب بولغان.
كەيلىس ئەپەندى كىتابنى ئىنگلىز تىلىدا نەشر قىلىشقا سەۋەب بولغان ئامىللار ھەققىدە توختىلىپ:" مەن رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان ئۆزىنى بېغىشلاش روھى ۋە قىزغىنلىقىدىن تەسىرلەنگەنىدىم. ھەمدە مەندە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش ئارزۇسىمۇ بار ئىدى. چۈنكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە چۈشەنچەمنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ ئۇيغۇرلار يولۇقۇۋاتقان ئادالەتسىزلىكلەرنىڭمۇ چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن ئىدىم " دېدى.
كەيلىس ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ، باشقىلارغا ياردەم قىلىشىنى ئۆز ھاياتىنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە قىسمى دەپ تونۇيدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تونۇلۇشىغا ياردەمدە بولۇش ئۈچۈن مەزكۇر كىتابنى گېرمان تىلىدا نەشر قىلغان رادوم خائۇس نەشرىياتى www.randomhouse.com بىلەن سۆزلىشىپ ئىنگلىزچە نەشر قىلىش ھوقۇقىنى سېتىلىۋالغان ئىكەن.
كەيلىس نەشرىياتى ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتى Carlsbad شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ، نەشرىيات باشلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر نەشرىيات ئاساسلىقى نوپۇزلۇق كىتابلارنىلا نەشر قىلىدىكەن.
رابىيە قادىر خانىم بىئوگرافىيىسىنىڭ ئۆزى نەشر قىلغان باشقا كىتابلارغا ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرى ھەققىدە توختالغان كەيلىس ئەپەندى مۇنداق دېدى:" مەن شۇنداق دېيەلەيمەنكى، بۇ كىشىلەر ھاياتىنىڭ تەھدىتكە ئۇچراۋاتقانلىقى ئاشكارىلىنىدىغان تۇنجى كىتاب بولۇپ، كىشىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ نىداسى بىلەن كۆپرەك تونۇشۇپ چىقسا ئۇلارنى ھالاكەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالغىلى بولىدۇ".
كەيلىس ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ بۇ كىتابنى قولغا ئېلىپ ئىنگلىزچە تەرجىمىسى نەشردىن چىققۇچە بولغان ئارىلىقتا 8 - 9 قېتىم ئوقۇپ چىققان ھەمدە بۇ كىتاب ئاخىرىدا خۇددى بالىسىغا ئوخشاش بولۇپ قالغان.
ئۇ بۇ كىتابنىڭ ئەدەبىي ئالاھىدىلىكى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:" مەن بۇ كىتابنىڭ ئەدەبىي ئۇسلۇبىنى بەك ياخشى كۆردۈم ۋە بەك نەپىس. بۇ كىتابنىڭ مۇۋاپىق جايلىرىغا يېنىك شەكىلدىكى يۇمۇر تۇيغۇسىمۇ سىڭدۈرۈلگەن. ئەمما بۇ كىتابىنىڭ ئاساسلىق قىسمى بولۇپمۇ، كىتابنىڭ رابىيە قادىر خانىم ئۆز تۈرمە ھاياتىنى تەسۋىرلەيدىغان 100 بەتكە يېقىن قىسمى ئادەمنى ئازابقا سالىدۇ ۋە يۈرىكىنى تىلغايدۇ".
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، كىتابنىڭ تۈرمە ھاياتى تەسۋىرلەنگەن قىسمى كىشىنى ئىنتايىن بىئارام قىلىدىغان بولسىمۇ، ئەمما رابىيە قادىر خانىمنى چۈشىنىشكە ياردەم قىلىدىكەن:" تۈرمە تەسۋىرلەنگەن قىسىم بەك يۈرەكنى ئېزىدىغان بولسىمۇ، بۇ قىسىم ماڭا يەنە رابىيە قادىر خانىمنىڭ روھىنى ۋە ياشاش ئىرادىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشىمگە ياردەم قىلدى. بۇلارنى بايا قىلىشقا تىلىم قىسقىلىق قىلىدۇ. مەنچە ئۇنىڭ شۇنچە كۆپ دېتاللارنى ئەستە ساقلىيالىشى ئالاھىدە دىققەتنى تارتىدۇ".
مەلۇم بولۇشىچە، " ئەجدىھا بىلەن ئېلىشقۇچى: بىر ئايالنىڭ تىنچلىق ئۈچۈن خىتاي بىلەن ئېلىشىشى ھەققىدە داستان" ناملىق كىتاب بۇ نۆۋەت ئىنگلىز تىلىدا نەشر قىلىنىپ دۇنيادىكى ئىنگلىز تىللىق دۆلەتلەرگە بىر دەك تارقىتىلغان ھەتتا خىتاينىڭ خوڭكوڭ ئالاھىدە رايونىدىمۇ بازارغا سېلىنغان.
بۇ ھەقتە توختالغان كەيلىس ئەپەندى، رابىيە قادىر خانىمنىڭ مەزكۇر بىئوگرافىيىسى مەيلى گېرمان تىلىدا ۋە مەيلى ئىنگلىز تىلىدا نەشر قىلىنسۇن، يەنىلا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تونۇتۇشتا ئالاھىدە رول ئوينايدىغانلىقىنى، رابىيە قادىر خانىمنىڭمۇ دەل شۇنى كۈتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
"مەنچە، ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاسى دېگەندەك تونۇلۇپ كەتمىگەن. بۇ كىتاب ئېلىپ كېلىدىغان يېگانە مەنپەئەت بولسا بۇنىڭدا ھەقىقەت بايان قىلىنغان. خىتايدەك دىۋەسىمان تەشۋىقات ماشىنىسىغا ئىگە بىر دۆلەتنىڭ يۈزىگە ھەقىقەتنى ئاشكارىلاش بۇ كىتابنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى".
كەيلىس ئەپەندىمنىڭ قارىشىچە بۇ كىتاب ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي داۋاسىنىڭ تونۇلۇشىغا ياردەم قىلىپلا قالماستىن، ھەتتا خىتاي ئارخېئولوگلار تەرىپىدىن 6 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان بىر مەدەنىيەتنى دۇنياغا تونۇتۇشتىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.
كەيلىس ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر كىتاب بازارغا سېلىنىپ بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە بىر نەچچە يۈز پارچە سېتىلىپ بولغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇلار ئىككىنچى قېتىملىق نەشر ئۈستىدە ئىشلەۋاتقان ئىكەن.
مەزكۇر كىتابنى گېرمانچىدىن ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلغۇچى دوكتۇر ئەسچرىد سېرنىي Astrid Cerny خانىمدۇر. مەلۇم بولۇشىچە، سېرني خانىم ئۇيغۇر ئېلىدە ئىككى يىل ياشاپ ئۇيغۇرچە ئۆگەنگەن ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىگە تونۇش تەتقىقاتچى بولۇپ، ئۇ ھازىر كالىفورنىيە شتاتىدا ياشايدۇ.