'ئەجدىھا بىلەن ئېلىشقۇچى' ناملىق كىتابىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى لېنتىغا ئېلىندى

ئامېرىكا س - سپان رادىئو، تېلېۋىزىيە تورى، سەيشەنبە كۈنى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ "ئەجدىھا بىلەن ئېلىشقۇچى" ناملىق كىتابىنى تونۇشتۇرۇش پروگراممىسنى لېنتىغا ئالدى. بۇ جەريانىدا رابىيە قادىر خانىم، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى، بولۇپمۇ "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دىن كېيىنكى ئەھۋالى ھەققىدە كۆپرەك توختالدى ۋە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئەسلىمىسى " ئەجدىھا بىلەن ئېلىشقۇچى: بىر ئايالنىڭ تىنچلىق ئۈچۈن خىتاي بىلەن ئېلىشىشى ھەققىدە داستان" ناملىق كىتابىنى تونۇشتۇرۇش پروگراممىسىك س - سپان تېلېۋىزىيىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە 24 - ئاۋغۇست دۈشەنبە كۈنى، ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ يىغىن زالىدا لېنتىغا ئېلىندى.

مەزكۇر پروگراممىنى لېنتىغا ئېلىش سۆھبەت شەكلىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، سۆھبەت كەچقۇرۇن سائەت 5:30 لار ئەتراپىدا باشلاندى.

سۆھبەت يىغىنى باشلىنىش ئالدىدا، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ دىرېكتورى ھېنرى شاجەفىسكى مېھمانلارنىڭ كەلگەن قەدىمىگە رەھمەت ئېيتىش بىلەن يىغىننىڭ باشلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ھېنرى شاجەفىسكى يەنە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتى پائالىيىتىنى قىسىقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

تەرتىپ بويىچە سۆزگە چىققان رابىيە قادىر خانىم، ئالدى بىلەن يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا رەھمەت ئېيتتى ۋە كەيپىياتنىڭ تازا ياخشى ئەمەسلىكى بۇنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە توختالدى.

رابىيە خانىم، "ئەجدىھا بىلەن ئېلىشقۇچى" ناملىق ئەسلىمىسىنى يېزىش مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، مەزكۇر كىتابىنى يېزىشتىن مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇرلار تارتىۋاتقان ئازاب - ئوقۇبەتلەرنى دۇنياغا ئاشكارىلاش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

" ئەجدىھا بىلەن ئېلىشقۇچى: بىر ئايالنىڭ تىنچلىق ئۈچۈن خىتاي بىلەن ئېلىشىشى ھەققىدە داستان" ناملىق كىتاب ئىلگىرى " ئەجدىھا بىلەن ئېلىشقان ئايال" دەپمۇ ئاتالغان ئىدى.

كىتابتا رابىيە خانىمنىڭ ئەڭ كىچىك قىزى قېقنۇس ھەققىدىمۇ بايانلار بار بولۇپ، قېقنۇس تەكلىپ بىلەن كىتابنىڭ بۇ قىسىملىرىدىن ئارىيە ئوقۇپ ئۆتتى. زال ئىچى تىمتاسلىققا چۆمگەن، ھەممە ئادەم كىتابتىكى ۋەقەنى بېرىلىپ ئاڭلايتتى.

قېقنۇس كىتابنىڭ بۇ بۆلىكىنى ئوقۇپ بولغاندا، يىغىن ئەھلى ئىختىيارسىز چاۋاك چېلىشىپ ئالقىش ياڭراتتى.

يىغىن داۋامىدا رابىيە قادىر خانىم مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئۇ، يەرلىك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ " 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى " دىن كېيىن مەخپىي ھالدا بىر قىسىم ئۇيغۇرلارغا ئۆلۈم ھۆكۈم قىلغانلىقىنى ئاڭلىغانلىقىنى، ئەمما خىتاينىڭ بۇنى يوشۇرۇپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

يىغىندا باشقىلارنىڭ دىققىتىنى ئەڭ جەلپ قىلغان بىر تەرەپ بولسا ئۈرۈمچىدە 196 ئۇيغۇرنىڭ قىيناپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە ئائىت ئۇچۇر ئىدى.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئامېرىكا جەمئىيىتى يېقىندا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا قېچىپ چىققان بىر ئۇيغۇر ساقچىدىن بۇ ھەقتە بىر فاكس تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ فاكس مەزمۇنلىرىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى ئۇلانباي تۈرمىسىدە قىيناپ ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۆلتۈرۈلگەنلەر سانى جەمئىي 196 نەپەرگە يېتىدىكەن.

رابىيە قادىر خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي ئىنتېرنېت تېلېفون ۋە لىنىيىسى قاتارلىق ئالاقە قاناللىرىنىڭ ھەممىسىنى قامال قىلغان بولغاچقا، بۇ خەۋەرنى دەلىللەش مۇمكىن بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

"ئەجدىھا بىلەن ئېلىشقۇچى: بىر ئايالنىڭ تىنچلىق ئۈچۈن خىتاي بىلەن ئېلىشىشى ھەققىدە داستان" ناملىق كىتاب، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە گېرمانىيە يازغۇچىسى ئالىكزادىرا كاۋېلىئۇس ئاپتورلۇقىدا 2007 - يىلى نەشر قىلىنغان " كۆكنى تىترەتكەن ئايال" ناملىق كىتابنىڭ ئىنگلىزچە نۇسخىسى. مەزكۇر كىتاب بۇ يىل مايدا، كەيلىس نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىنگلىز تىلدا نەشر قىلىنغان ئىدى.

كىتابىنى ئامېرىكا ئاممىۋى ۋەقەلەر كابېل ۋە سۇنئىي ھەمراھ قانىلى س - سپان سۈرەتكە ئالدى. بۇ قانال مەخسۇس ئامېرىكا ھۆكۈمەت خەۋەرلىرى، دۆلەت مەجلىسىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنلىرى قاتارلىقلارنى نەق مەيداندىن ئاڭلىتىدىغان قانالدۇر. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ پروگرامما قانالنىڭ كىتاب تونۇشتۇرۇش پروگراممىسىدا تونۇشتۇرۇلىدىكەن.