رابىيە قادىر خانىم ئىتالىيە زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇردى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم 3 - مايدىن 7 - مايغىچە ئىتالىيە پايتەختى رىم شەھىرىدە زىيارەتتە بولۇپ، بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى.

0:00 / 0:00

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇچۇر بۆلۈمىنىڭ تارقاتقان خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، رابىيە قادىر خانىم ئۆز بىئوگرافىيىسىنىڭ ئىتالىيانچە نەشر قىلىنىشى مۇناسىۋىتى، ئىتالىيىگە قىلغان بۇ قېتىملىق زىيارىتىدە ئىتالىيىلىك كىتابخانلار، ئىتالىيە مەتبۇئاتى ۋە سىياسىيونلار بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى ئىتالىيىلىكلەرگە تونۇتۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشىدا تېخىمۇ يېڭى قەدەم باسقان.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ بىئوگرافىيىسى 2007 - يىلى 6 - ئايدا تۇنجى قېتىم گېرمانىيىدە نېمىس تىلىدا نەشر قىلىنىپ، كەڭ كىتابخانلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن ھەمدە كىتابخانلارنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، گېرمانىيىدە 2 - قېتىم قايتا نەشر قىلىنغان ئىدى.

كىتابنىڭ گېرمانچە نەشرىدىن كېيىن، بۇ كىتاب باشقا تىللارغىمۇ تەرجىمە قىلىنىپ، دۇنيانىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا تارقىلىشقا باشلىدى. ھازىرغىچە بۇ كىتابنىڭ كورىيانچە، ئىنگىلىزچە نۇسخىلىرى نەشر قىلىنىپ بازارغا سېلىنىشقا باشلىدى. بۇ كىتابنىڭ ياپون تىلىدىكى نۇسخىسى نەشرگە تەييارلانغان بولۇپ پات ئارىدا كىتابخانلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ كىتابىنىڭ ئىنگلىز تىلىدىكى نۇسخىسى ئامېرىكىنىڭ كالېس نەشىرىياتى تەرىپىدىن بۇ يىل 4 - ئايدا نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى. بۇ نۇسخىغا "ئەجدەرھا بىلەن كۈرەشكۈچى" دېگەن ماۋزۇ قويۇلغان بولۇپ، 426 بەتلىك كىتابقا يەنە "بىر ئايالنىڭ خىتاي بىلەن بولغان كۈرەش داستانى" دەپ قوشۇمچە سەرلەۋھىمۇ قويۇلغان ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىم كىتابنىڭ ئىتالىيانچە تەرجىمىسى ئىتالىيىدە نەشر قىلىنىپ، كىتابنىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمىغا رابىيە قادىر خانىم ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنىپ بىۋاسىتە قاتناشتى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيىتوف مەلۇمات بېرىپ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ ئاساسەن ئىككى مەقسەتتە بولغانلىقى، بىرىنچىدىن ئىتالىيە رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تونۇشتۇرۇش، ئىككىنچىدىن ئۆزىنىڭ كىتابىنىڭ نەشر قىلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ زىيارىتى جەريانىدا ئىتالىيە ئاخبارات ئورۇنلىرى، رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە كۆپلىگەن خەۋەر ۋە مۇنازىرىلەرنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇ قېتىم رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى ئىتالىيە ئاخبارات ساھەسىدىكى قىزىق تېمىغا ئايلاندى.

ئالىم سېيىتوفنىڭ بايان قىلىشىچە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ زىيارىتى جەريانىدا ئىتالىيە ئاممىۋى ئاخبارات ئورۇنلىرى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى، گېزىتلىرى مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ھەمدە ھەر ساھەنىڭ ئەربابلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تونۇشتۇرغان، نەتىجىدە رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى ئىتالىيە ئاخبارات ساھەسىدىكى قىزىق تېمىغا ئايلاندى.

رابىيە خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ يەنە بىر ئەھمىيەتلىك تەرىپى ئۇنىڭ ئىتالىيە پارلامېنتى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەربابلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تونۇشتۇرۇشى ھەمدە ئۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئالىم سېيىتوف ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئىتالىيە پارلامېنتى يۇقىرى پالاتاسىنىڭ تەكلىپى بىلەن، ئىتالىيە پارلامېنتىدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات ئوقۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى، ئۇيغۇر قىزلىرى مەسىلىسى، كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ۋە باشقا تۈرلۈك مەسىلىلەر ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.

رابىيە قادىر خانىم ئىتالىيە زىيارىتىنى 5 - ئاينىڭ 7 - كۈنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتۇردى.