رابىيە قادىر خانىم كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنى دېموكراتىيە ئۆگىنىشكە چاقىردى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ نيۇ -يورك شەھىرىدىكى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغۇچىلارغا نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنى ئامېرىكا دېموكراتىيىسىدىن ئۈلگە ئېلىشقا چاقىردى.

0:00 / 0:00

رابىيە خانىم كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار خەلقئارا كېڭىشى ۋە جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن دوكلات بەرگەن ئىدى.

كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئامېرىكىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى مەشھۇر ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇغۇچىلار خەلقئارا كېڭىشى ۋە جەمىيىتى خەلقئارا مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر يۈزگۈزىدىغان ئورگاندۇر.

رابىيە قادىر خانىم بۇ ئورگاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن سەيشەنبە كۈنى مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ئوقۇغۇچىلارغا دوكلات بەرگەندىن كېيىن، كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پائالىيەت توغرىسىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، رابىيە قادىر خانىم بىلەن كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى دوكلات بېرىش يىغىنى توغرىسىدا ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.