رابىيە قادىر: 'ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمەن ...'

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قويغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون رەئىسى نۇر بەكرى، 19 - ئاۋغۇست، 9 دۆلەتنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق 17 ئاخبارات ئورنىنىڭ 25 نەپەر مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، "5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىشى دىنىي ۋە مىللىي سىياسىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز، بۇ پەقەت ئىچكى، تاشقى ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ بىرلىكتە ئېلىپ بارغان زوراۋانلىق ھەرىكىتى" دەپ قايتا تەكىتلىگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2010-08-19
Share
Rabiye-xanim-Yaponda-sozde-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﯘﺗﯘﻗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﻟﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﯘﻻﻕ ﺳﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﯜﻧﺪﻩﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ.
AFP Photo

بۈگۈن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئىستانسىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، نۇر بەكرىنىڭ ئېيتقانلىرىغا كۈچلۈك رەددىيە بەردى ھەمدە نۇر بەكرىنىڭ بايانلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنىڭ يەنىمۇ جىددىيلىشىشىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت