رابىيە قادىر: 'ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمەن ...'

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قويغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون رەئىسى نۇر بەكرى، 19 - ئاۋغۇست، 9 دۆلەتنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق 17 ئاخبارات ئورنىنىڭ 25 نەپەر مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، "5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىشى دىنىي ۋە مىللىي سىياسىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز، بۇ پەقەت ئىچكى، تاشقى ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ بىرلىكتە ئېلىپ بارغان زوراۋانلىق ھەرىكىتى" دەپ قايتا تەكىتلىگەن.

0:00 / 0:00

بۈگۈن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئىستانسىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ،

نۇر بەكرىنىڭ ئېيتقانلىرىغا كۈچلۈك رەددىيە بەردىOpens in new window ]

ھەمدە نۇر بەكرىنىڭ بايانلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنىڭ يەنىمۇ جىددىيلىشىشىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.