رابىيە قادىر خانىم ئوسلو شەھەرلىك ھۆكۈمەت زالىدا نۇتۇق سۆزلىدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 26 - چېسلا چۈشتىن كېيىن نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلوغا يېتىپ كەلگەن بولۇپ، ئۈچ كۈن داۋاملاشقان ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى نامىدىكى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىغا قاتناشتى.

0:00 / 0:00

رابىيە قادىر خانىم ئۈچ كۇن داۋاملاشقان مەزكۇر يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مەسىلىسى ھەققىدە كەڭ دائىرىدە نۇتۇق سۆزلىگەندىن باشقا، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن داڭلىق ئەربابلار، سىياسىيونلار، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى ۋە قىزغىن سۆھبەتتە بولدى.

رابىيە قادىر خانىم يىغىننىڭ ئىككىنچى كۈنىدە نورۋېگىيىدىكى ۋە باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن مۇخبىرلارغا ئاخبارات بېرىپ، ئۆتكەن يىلى يۈز بەرگەن 5 - ئىيۇل قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش، تۇتقۇن قىلىش، ئۆلتۈرۈش، تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كېتىشى، تۈرمىلەردە بىگۇناھ ئىنسانلارنى قېيىن ‏ - قىستاققا ئېلىپ سوراق قىلىش، قىيىن - قىستاق بىلەن ئولتۇرۇش، قانۇنى سوت تەرتىپلىرى ئېلىپ بېرىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا، كەينى - كەينىدىن ئۆلۇم جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىش قاتارلىق ۋەھشى قىلمىشلارنى ئۇلارغا ئاڭلاتتى ۋە پاش قىلدى.

Rabiye-xanim-Oslo-Sheherlik-hokumettiki-sozidin-keyin-mihmanlar-bilen-305.jpg
ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﻮﺳﻠﻮ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﻧﺎﻣﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻫﻮﻗﯘﻕ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺋﯩﺸﺘﯩﺮﺍﻛﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ. (RFA Photo / Aygul Yusup)

بۇنىڭدىن باشقا، رابىيە قادىر خانىم نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى ئەھۋالىغا جىددىي كۆڭۈل بولۇپ، خىتايلارغا بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بۇ قىرغىنچىلىقلارنى توختىتىشقا تۈرتكە بولۇشىنى ئىلتىماس قىلدى.

بۈگۈن چۈشتىن كېيىن، رابىيە قادىر خانىم ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى نامىدىكى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىنىڭ ئاخىرقى قىسمى بولغان يەنە بىر پائالىيىتى ئوسلو شەھەرلىك ھۆكۈمەتتە ئۆتكۈزۈلىدىغان نۇتۇق سۆزلەش يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلىدى.

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن تەكلىپ قىلىنغان مېھمانلار ۋە نورۋېگىيىدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، سىياسىي ئەربابلار ۋە ستيۇدېنتلاردىن بولۇپ مىڭدىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان نۇتۇق سۆزلەش يىغىنىدا رابىيە قادىر خانىمغا يەنىلا ئەڭ مۇھىم نۇتۇق سۆزلىگۈچى كىشى سۈپىتىدە ئورۇن بېرىلگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى، ئىقتىسادى ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى جەھەتتە دۇنيادا ھېچقانداق بىر مىللەتنىڭ بېشىغا كەلمىگەن ئېغىر بېسىم ۋە كۈلپەتلەر ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقى ھەققىدە ئەتراپلىق توختالغان رابىيە قادىر خانىم، دۇنيادىكى دېموكراتىيىنى ۋە ئەركىنلىكنى ياقلىغۇچى ئادالەتپەرۋەر ئىنسانلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ئەھۋالىغا جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشىنى، ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىشىنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي يوقىتىش سىياسىتىگە جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇپ بۇ قىلمىشلارنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

رابىيە قادىر خانىم بۈگۈن چۈشتىن كېيىن نورۋېگىيىدىكى پائالىيىتىنى غەلىبىلىك تاماملاپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەمەت ئابلا ئەپەندى ۋە ئالىم سېيىتوفلارنىڭ ھەمراھلىقىدا بىلگىيىدىكى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن يۈرۈپ كەتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.