رابىيە قادىر خانىم فرانسىيىنىڭ پايتەختى پارىژدا

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىم، ئىتالىيە، شۋېتسىيە گېرمانىيە ۋە ئاۋسترىيىدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ فرانسىيىنىڭ پايتەختى پارىژغا يېتىپ كەلگەن. 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، ۋېيېنادا رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە ئىشلەنگەن "مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى" ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلگەن ۋە فىلىم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن رابىيە قادىر خانىم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەن.

0:00 / 0:00

رابىيە قادىر خانىم 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، فرانسىيىنىڭ پايتەختى پارىژغا كېلىپ پائالىيىتىنى باشلىۋەتكەن. رابىيە خانىم ۋە ئالىم سېيىتوف ئەپەندى پارىژدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پائالىيەتلەر ھەققىدە توختالدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.