رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلىدى

قۇربان ھېيت پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس بايرىمى، ئۇيغۇرلار پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ بىر قىسىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن مىڭ يىللاردىن بۇيان قۇربان ھېيت ئۆتكۈزۈپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ دىنىي ۋە ئەنئەنىۋى بايرىمىغا ئايلاندۇرغان. ئۇيغۇر ئېلى ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا تارقالغان ئۇيغۇرلار باشقا مۇسۇلمان خەلقلەر بىلەن بىرلىكتە قۇربان ھېيت ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2010.11.16
Rabiye-Xanim-Filim-Festiwalida-sozde-305 2009 - ﻳﯩﻠﻰ 8 - ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ، ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﺎﯞﺳﺘﺮﺍﻟﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯧﻠﺒﯘﺭﻥ ﺷﻪﻫﺮﯨﺪﻩ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﻓﯩﻠﯩﻢ ﻓﯧﺴﺘﯩﯟﺍﻟﯩﺪﺍ، "ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺗﻨﯩﯔ 10 ﺷﻪﺭﺗﻰ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻓﯩﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﻮﻳﯘﻟﯘﺵ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﺪﺍ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ.
AFP Photo

بۈگۈن قۇربان ھېيت كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ جۈملىدىن بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلىدى.

قۇربان ھېيت مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋە ئەھمىيەتلىك دىنىي ۋە ئەنئەنىۋى بايرىمى. بۈگۈن پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار قۇربان ھېيت نامىزى ئوقۇپ، ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنىنى كۈتۈۋالدى.

قۇربان ھېيت ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ ئەسىرلىك مەدەنىيەت ئەنئەنىسىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان بىر دىنىي ۋە مىللىي بايرام بولۇپ، ھېيتنىڭ ئەڭ مۇھىم خاسىيەتلىرى ھېيت كۈنى كىچىكلەر چوڭلارغا سالام بېرىش،يۇرت - جامائەت جەم بولۇپ ئۆز ‏ - ئارا يۈز كۆرۈشۈپ، بىر - بىرىنى ھېيتلاش، ئۇرۇق ‏ - تۇغقانلىرىنى يوقلاش، ئالەمدىن ئۆتكەن ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ قەبرىلىرىنى يوقلاش ئارقىلىق ئۇلارنى ئەسلەش، ھېيت جەريانىدا بىر - بىرىگە سالام بېرىش ۋە ھۆرمەت بىلدۈرۈش ئارقىلىق ئۆز ‏ - ئارا ئاداۋەتلەرنى يوقىتىپ، چوڭقۇر دوستلۇق ھەم مېھرىبانلىقنى كۈچەيتىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇ پائالىيەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئۆرپ ‏ - ئادىتىگە ئايلانغان.

بۈگۈن، ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرى رايونىدا ياشاۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيتىنى قىزغىن تەبرىكلەپ، ئۆزىنىڭ ئارزۇ - تىلەكلىرى ۋە كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

رابىيە قادىر خانىم، قۇربان ھېيت ئەسلىدە ناھايىتى خۇشاللىق بىر كۈن بولسىمۇ، جۇملىدىن ھازىر پۈتۈن دۇنيادىكى ئەركىن - ئازاد مۇسۇلمانلار خۇشال كەيپىيات ئىچىدە، ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇلىرى، ئەنئەنىسى بىلەن ھېيتىنى ئۆتكۈزۈۋاتقان بولسىمۇ، بىراق، ئۇيغۇر ئېلىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال ھېيت نامىزى ئوقۇش ۋە ئەركىن، ئۆزلىرى تاللىغان يوللار ۋە ئۇسۇللار بىلەن ھېيت ئۆتكۈزۈشتىمۇ قىيىنچىلىقلارغا ۋە بېسىملارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دۇنيا مۇسۇلمانلىرى تەنتەنە ۋە شاد - خۇراملىق ئىچىدە قۇربان ھېيت بايرىمىنى ئۆتكۈزۈۋاتقان بۇ مىنۇتلاردا، ئۇيغۇرلار ئەنە شۇ دۇنيا مۇسۇلمانلىرى قاتارىدا بۇ بايرامنىڭ خاسىيەتلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولالىدىمۇ ؟ ئىنسان ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە 18 ياشتىن تۆۋەن ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ مەسچىتكە كىرىشى، ناماز ئۆتۈشى چەكلەنگەن.

ھۆكۈمەت كادىرلىرى، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ۋە باشقىلارنىڭ مەسچىتكە كىرىشى چەكلىمىگە ئۇچرىغان. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيت نامىزىنى ئۆز ئەركىنلىكى بويىچە ئوقۇپ، ھېيتنى قىزغىن كەيپىياتتا كۈتۇۋالالىدىمۇ؟ رابىيە قادىر خانىم بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى يەنە مۇنداق بايان قىلدى.

رابىيە قادىر خانىم يەنە، بىر يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن 5 ‏ - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، روزى ھېيت ۋە قۇربان ھېيتلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھېيت بولمايدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ۋەقەدە پەرزەنتلىرى تۈرمىگە تاشلانغان، ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ۋە خىتاي ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئائىلىلەر ئۈچۈن ھەر قانداق ھېيت - بايرامنىڭ ھېيت - بايرام ئەمەس، بەلكى ماتەم ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىگەن ئۇچۇرلار ۋە كېلىۋاتقان ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچى ۋە باشقا جايلاردا ھېيت مەزگىلىدە خىتاي ساقچى دائىرىلىرى كونتروللۇقنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن بولۇپ، ھېيت كۈنلىرىدە ئۇيغۇرلار زىچ جايلاردا قوراللىق چارلاش، تەكشۈرۈش ھەرىكەتلىرى كۈچەيتىلگەن. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ھېيتنى قانداق چۈشىنىش مۇمكىن؟ رابىيە قادىر خانىم بۇ ھەقتە، كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىگىلىشىمىزچە، ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرى، تۈركىيە، ئامېرىكا ۋە باشقا مەملىكەتلەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى 16 - نويابىر كۈنى قۇربان ھېيت نامىزى ئوقۇپ، ئەركىن - ئازادە ھېيت پائالىيەتلىرىنى باشلىغان.

بۇنىڭدىن 4 كۈن ئىلگىرى، 12 - نويابىر كۈنى، ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مەملىكەتلەردىكى ئۇيغۇرلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، 1933 - يىلى ۋە 1944 - يىلى 12 - نويابىر كۈنلىرى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەپ، بۇ كۈننى ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت بايرىمى سۇپىتىدە خۇشال كەيپىيات ئېچىدە تەبرىكلىگەن ۋە جۇمھۇرىيەتنى قۇرۇش يولىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلغان ئىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.