رابىيە قادىر خانىم ئىتالىيىنىڭ پايتەختى رىمدا نۇتۇق سۆزلىدى

د ئۇ ق رەئىسى، ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنىڭ يول باشچىسى رابىيە قادىر خانىم، ئىتالىيە ئاۋام پالاتاسىدىكى زورلۇقسىز رادىكاللار پارتىيىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 20 - نويابىر كۈنى ئىتالىيىنىڭ پايتەختى رىم شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن ئىدى.

0:00 / 0:00

رابىيە قادىر خانىم ئالاھىدە تەكلىپ بويىچە بۇ پارتىيىنىڭ چوڭ قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان بولۇپ، بۇ قۇرۇلتايغا ئاسىيا، ئافرىقا، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا قىتئەلىرىدىن كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان.

بۇ قۇرۇلتايغا يەنە ئىتالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خادىملىرى، پارلامېنت ئەزالىرىمۇ قاتناشقان. شۇنداقلا يىغىندا رابىيە قادىر خانىممۇ سۆز قىلغان.

رابىيە قادىر خانىم نۇتقىدا نېمىلەرنى دېدى؟ بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن رابىيە قادىر خانىم ۋە ئالىم سېيىتوف ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.