بۇ پائالىيەتنى ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت مەسئۇللىرى ۋە ئەزالىرى شۇنداقلا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر - ئايال بولۇپ 300 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.
مەزكۇر مۇراسىمغا يەنە، ئىستانبۇل فاتىھ رايونلۇق شەھەر باشلىقى مۇستافا دەمىر ھەم ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ مەسئۇل ۋەكىلى قاتارلىق ئەربابلار قاتناشتى.

مۇراسىمغا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باش كاتىپى ئاتاۋۇللا ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. مۇراسىم شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باشلىقى ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى.
مۇراسىمدا يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دىنى ئىشلار مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋىددىن، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باشلىقى ھامۇتخان كۆكتۈرك، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، باش نازىرى ئابلىكىمخان مەخسۇم، ئىستانبۇل - فاتىھ رايونلۇق شەھەر باشلىقى مۇستافا دېمىر، ۋە ئادالەت تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ فاتىھ شۆبە باشلىقى قاتارلىق شەخسلەر سۆز قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلار ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى. مۇراسىم ئاخىرىدا زىياپەت بېرىلدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.