رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇر خەلقىنى شېھىت ۋە مەھبۇس ئائىلىلىرىگە ماددىي ۋە مەنىۋىي ياردەم بېرىشكە چاقىردى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ 8 ‏ - ۋە 9 ‏ - ئىيۇل كۈنلىرىدىكى قانلىق ھەرىكىتىنى ئۇيغۇر مىللىتىگە، ئولىمپىك روھىغا ۋە خەلقارا قانۇنغا جەڭ ئېلان قىلىش دەپ بىلدۈردى.

0:00 / 0:00

خىتاي دائىرىلىرى قەشقەردە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان 5 ئۇيغۇرنى تېررورلۇق بازىسى قۇرۇش، تېررورلۇق مەشىقى ئېلىپ بېرىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى. رابىيە قادىر خانىم باياناتىدا، كوسراپ ۋەقەسىدە قولغا ئېلىنغان بۇ 17 نەپەر ياشنى ئەركىنلىك جەڭچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ پائالىيىتىنى بولسا ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش دەپ ئاتىدى.

خىتاي 8 ‏ - ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە ئوققا تۇتقان ۋە قولغا ئالغان 15 نەپەر ئۇيغۇر ياشنى خىتاي ئىچىدىكى مەتبۇئاتىدا، زوراۋان جىنايەتچى دەپ ئاتىغان ئىدى ۋە ئۇلارنىڭ ۋەقەدىن ئاۋۋال ئۈرۈمچىدىكى ھۆسۈن تۈزەش سالۇنىغا تەھدىت سالغانلىقى ۋە سالوننىڭ خوجايىنىنى پىچاق بىلەن يارىلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

نۆۋەتتە، ئاخبارات چەكلىمىسى تۈپەيلى سالون ۋەقەسىنىڭ راست ياكى توقۇلمىلىقى مەلۇم ئەمەس. ئەمما ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ھۆسۈن تۈزەش سالۇنى ۋە ساتىراشخانا نامى ئاستىدا شەھۋانىي تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ رايوندىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت مۇھىتىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى، بۇ سەۋەبلىك ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەندىشە ۋە نارازىلىق پەيدا قىلغانلىقى بىر رېاللىقتۇر. خەۋەرلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۈرۈمچىدىكى 8 ‏ - ئىيۇل ۋەقەسىدە ياشلار دىنىي سۆھبەت ئۈستىدە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.

مانا بۇ جەرياننى نەزەردە تۇتقان رابىيە خانىم، مەزكۇر ياشلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان مەدەنىيەت پائالىيەتچىلىرى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي يەنە 8 ‏ - ئىيۇل ۋەقەسىدىكى ياشلارنى خەلقئارا جامائەتكە غازاتچىلار دەپ تونۇشتۇرغان ئىدى. رابىيە قادىر خانىم باياناتىدا، شۇئارى نېمە بولسا بولسۇن، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بارلىق قارشلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى، چۈنكى بارلىق قارشىلىقنىڭ يىلتىزى مىللىي زۇلۇم، بارلىق كۇرەشچىلەرنىڭ غايىسى مىللىي مۇستەقىللىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

رابىيە قادىر خانىم باياناتىدا، 8 ‏ - ۋە 9 ‏ - ئىيۇل ۋەقەسىدە ئۆلتۈرۈلگەن ۋە قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قەھرىمان ئوغۇل ‏ - قىزلىرى ۋە مىللىي ھەرىكەتنىڭ ئۈلگىلىرى دەپ كۆرسەتتى. رابىيە خانىم باياناتىدا يەنە، ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە، ئۇلارنىڭ ئائىلە - تاۋاباتىغا ھۆرمەت بىلدۈردى. ئۇ ئۇيغۇر خەلقىنى شېھىت ۋە مەھبۇس ئائىلىلىرىگە ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشكە چاقىردى.

رابىيە قادىر خانىم باياناتىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاينىڭ باستۇرۇش يولى بىلەن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى سۇسلاشتۇرالمايدىغانلىقىنى، ئەكسىچە بۇ ھەرىكەتنىڭ بۇندىن كېيىن تېخىمۇ جانلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.