رابىيە قادىر خانىم شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا زىيارەتتە بولدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئىتالىيىدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 30 - نويابىر كۈنى كەچتە شىۋېتسىيىگە يىتىپ كەلگەن ئىدى. شىۋېتسىيە رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياۋرۇپا زىيارىتىنىڭ 2 - بېكىتى بولۇپ، بۇ يەرگە شىۋېتسىيدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن يېتىپ كەلگەن.

0:00 / 0:00

رابىيە قادىر خانىم شىۋېتسىيە زىيارىتىنىڭ 1 - كۈنى كرىست دېموكراتلار پارتىيىسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى ئانالىيە ئېناكسون خانىمنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن شىۋېتسىيە پارلامېنت بىناسىدا مۇخبىرلارغا ئاخبارات ئىلان قىلغان.

ئارقىدىن شىۋېتسىيە پارلامېنتىدىكى ھەر قايسى پارتىيىلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس يېپىق سۆھبەتتە بولغان. رابيە قادىر خانىم پارلامېنت زىيارىتىدىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۈگۈنكى پائالىيىتى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشچە، ئۇ شىۋېتسىيە پارلامېنتى ۋە باشقا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن يەنە باشقا پائالىيەتلەردە بولىدىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.