رابىيە خانىم ياۋروپا زىيارىتىدىن كېيىن ئامېرىكىدا يېڭى پائالىيىەت باشلىدى

ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بىر ئايلىق ياۋروپا زىيارىتىنى ئاياقلاشتۇرۇپ ئامېرىكىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىنلا، ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى ياۋروپا زىيارىتى ۋە ھازىر ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى ھەققىدە مۇخبىرىمىزنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر رەھبىرىرابىيە قادىر خانىم بىر ئايلىق ياۋروپا زىيارىتىنى ئاياقلاشتۇرۇپ ئامېرىكىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىنلا، بۈگۈن ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى ياۋروپا زىيارىتى ھەققىدە رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا مەلۇمات سۆزلەپ بەردى.

رابىيە قادىر خانىم يەنە شۋېتسىيىدە سوتلانغان جاسۇس گۇماندارى بابۇر مەخسۇت ھەققىدىمۇ توختالدى.

شۇنداقلا رابىيە قادىر خانىم ھازىر ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ياۋروپا زىيارىتىدىن كېيىنلا ئامېرىكىدا يەنە يېڭى پائالىيەتلەر ئېلىپ بارماقچى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.