ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندىلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا
ا ئۇيغۇر ۋە تىبەت مەسىلىسى توغرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى.
بولۇپ، رابىيە قادىر خانىم بىلەن رېن پوچى ئەپەندى ئايرىم - ئايرىم ئۇيغۇر ۋە تىبەت خەلقىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى، ئامېرىكىلىق، چەتئەللىك ۋە خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان 500 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىغا ئاڭلاتقان.
دوكلاتتا، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان زېمىن شەرقىي تۈركىستاننى ۋە تىبەتنى بېسىۋېلىش تارىخى، بۇ ئىككى زېمىننىڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر قىسمى ئەمەسلىكى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى 1949 - يىلى، تىبەتنى 1950 - يىلى بېسىۋالغانلىقى، ئۇيغۇر ۋە تىبەت خەلقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقى، بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 60 يىلدىن بۇيان ئىككى مىللەت ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان يوقىتىش خاراكتېرلىك سىياسىتى ھەمدە زىيانكەشلىكلىرى توغرىسىدىكى مەلۇماتلار ئوقۇغۇچىلارغا ئەتراپلىق ۋە پاكىتلىق مىساللار بىلەن تونۇشتۇرۇلغان.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، مۇھاكىمە يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغان ئوقۇغۇچى، ئوقۇتقۇچى ۋە مۈتەخەسسىسىلەرگە، ئۆتكەن يىلى 5 - ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقە جەريانىنى ۋە بۇ ۋەقەنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق باستۇرغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن نېمىلەرنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزگەن نۇتىقىنىڭ مەزمۇنىنى، ئالىم سېيىتوف ئەپەندى قىسقىچە چۈشەندۈردى.
رابىيە قادىر خانىم نۇتقىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ئامېرىكىنىڭ 11 - سېنتەبىر تېررورلۇققا قارشى كۈرىشىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، قانۇنلۇق ئېلىپ بارغان تىنچ نارازىلىق پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى تېررورلۇققا باغلاپ كۆرسىتىپ، ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
رابىيە قادىر خانىم بولۇپمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىپ، تۈرمىلەرگە تاشلاپ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى، ھازىرغا قەدەر نەچچە ئون مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكىنى، مەسىلە مۇشۇ دەرىجىدە ئېغىر تۇرۇقلۇق، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تىنچلىق ئاساسىدا بىر تەرەپ قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. رابىيە قادىر خانىم ۋە رېنپوچى ئەپەندى ئۆزلىرىنىڭ نۇتۇقلىرىدا، ھەر ئىككى مىللەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن تىنچلىق يوسۇندا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يىغىنغا قاتناشقان خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىغىمۇ سۆز قىلىش ھەققى بېرىلگەن بولۇپ، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئوقۇغۇچىلار رابىيە قادىر خانىم ۋە رېن پوچى ئەپەندىنىڭ سۆزلىرىنى رەت قىلىشقا ئۇرۇنغان.
مەزكۇر يىغىنغا، كالىفورنىيە شىتاتىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشقان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ كالىفورنىيىدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ئوبۇلقاسىم ئەپەندى، ئۆزىنىڭ تەسىراتىنى بايان قىلدى.
مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئىلگىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن ئەربابلار ۋە بۇنىڭدىن كېيىن ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن يېتىشۋاتقان مۈتەخەسسىسىلەر بار ئىكەن. مەسىلەن، سابىق ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندالىزا رايىس خانىم، ئىلگىرى ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولۇپ، بۇش ھۆكۈمىتى ۋەزىپىسىنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن، رايىس خانىم ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىغا قايتىپ كېلىپ پروفېسسورلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە ئىكەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.