تەيۋەن دائىرىلىرى 1 - ئۆكتەبىر كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا يەنە پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرگەن بولۇپ مۇۋاپىق ۋاقىتتا رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەيۋەنگە زىيارەتكە كېلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل زىددىيەتلىك مۇئامىلىسىگە قارىتا رابىيە قادىر خانىم قانداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟
23 - سېنتەبىر كۈنى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم تەيۋەندىكى ئىنسان ھەقلىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا ۋاكالىتەن ئۆزىنى تەيۋەنگە تەكلىپ قىلىپ كەلگەن تەيۋەن ياش ناخشا چولپىنى فرەددي بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، تەيۋەنگە بېرىش تەكلىپىگە ماقۇللۇقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ھالبۇكى رادىئومىزدا خەۋەر بەرگىنىمىزدەك، تەيۋەن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى جىئاڭ يىخۇئا ئۆتكەن ھەپتە، تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمغا ۋىزا بېرىلمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى ۋە بۇنىڭغا دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت تەرتىپىنى كۆزدە تۇتۇش دەپ چۈشەندۈرۈش بەرگەن ھەمدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىككى تېررورچى تەشكىلات بىلەن ئالاقىسى بار دەپ كۆرسىتىپ ۋە يەنە " بىز تېررورىزمنىڭ تەيۋەنگە تەسىر قىلىشىنى خالىمايمىز " دېگەندەك بايانلارنى قىلغان ئىدى.
تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە رابىيە خانىمنى تېررورىزم بىلەن باغلىغانلىقى تېز ئارىدا مەتبۇئات يۈزىدە تالاش تارقىتىش قوزغاپ، رابىيە خانىم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن قىلغان بايانلىرىغا چۈشەندۈرۈش بېرىشنى تەلەپ قىلدى. گەرچە، تەيۋەن ھۆكۈمىتى ئىككى كۈن ئىلگىرىكى باياناتىدا " بىز رابىيە قادىرنى تېررورچى دېمىدۇق" دەپ جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمما رابىيە خانىم بولسا تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۆزىگە قىلىنغان ھاقارەتلەر ئۈچۈن رەسمىي يوسۇندا كەچۈرۈم سورىشىنى تەلەپ قىلدى ھەمدە تەيۋەن ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن ئەرز سۇنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
مانا مۇشۇنداق جىددىي بىر پەيتتە تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىرغا بولغان پوزىتسىيىسىدە يەنە درامماتىك ئۆزگىرىش بولدى. 1 - ئۆكتەبىر، يەنى پەيشەنبە كۈنى تەيۋەن مەمۇرىي مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ دۇنيا رابىيە خانىم تەيۋەن كۆچمەنلەر ئىدارىسى ئىلگىرى ئويلاشقان ئامىللاردىن خالى بولسا، ئۇنىڭ مۇۋاپىق بىر پەيتتە تەيۋەننى زىيارەت قىلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ پەيشەنبە كۈنى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، تەيۋەن مەمۇرىي مەھكىمىسى باشلىقىنىڭ رابىيە خانىمنىڭ مۇۋاپىق بىر مەزگىلدە تەيۋەننى زىيارەت قىلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى بىلەن تەڭ ۋىزا بېرىش شەرتىنى تەكىتلەپ، د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ھازىرقى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلسا ياكى ئۇ ئۆز ئورنىدا قېلىپ، رابىيە خانىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىن ئايرىلسا ئۇنىڭغا ۋىزا بېرىلىدىغانلىقى، چۈنكى دولقۇن ئەيسانىڭ تېررورلوق خاھىشىدىكى گۇرۇھلار بىلەن ئالاقىسى بار، دەپ قارىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بۈگۈن رادىئومىزغا بايانات بېرىپ، تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ، ئۆزىنى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدىكى ھەر قانداق بىر ئۇيغۇر پائالىيەتچىسىنى تېررورىزم بىلەن باغلىغانلىقىنىڭ، دەل ئۆزىنى (تەيۋەننى) تېررورىزم بىلەن باغلىغانلىق بىلەن باراۋەر دەپ چۈشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا، ئەگەردە تەيۋەن ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇرلار ھەم ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ نام ئابرۇيىغا دەخل - تەرز يەتكۈزۈدىغان مەسئۇلىيەتسىز بايانلىرى ئۈچۈن ئوچۇق ئاشكارا كەچۈرۈم سورىمىسا تەيۋەن ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن ئەرز سۇنىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.
رابىيە خانىم بىلەن بولغان سۆھبىتىمىز ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بىز ۋاشىنگتوندىكى تەيۋەن ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەيۋەن دائىرىلىرىدىن كۈتۈۋاتقان تەلەپلىرىگە تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ نېمە دەپ قارايدىغانلىقى، رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىشىغا ۋىزا بېرىش مەسىلىسىنىڭ مۇرەككەپلىشىشىدىكى نۇقتىلىق مەسىلە ھەم سەۋەبلەر ھەققىدە سوئاللار سورىدۇق.
ھالبۇكى، تەيۋەن ئەلچىخانا خادىمى، رابىيە قادىر خانىمغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ ئىنتايىن جىددىي قاراۋاتقانلىقى ئۈچۈن سوئاللىرىمىزغا ئۆزىنىڭ ئالدىراپ يېنىكلىك بىلەن جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ رابىيە قادىر خانىمنى تېررورىست دېمىدۇق دېگەن مەزمۇندا مەخسۇس بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.
رابىيە خانىم بولسا گەرچە تەيۋەن دائىرىلىرى رابىيە خانىمغا "بىز سىزنى تېررورىست دېمىدۇق" دەپ ئۆزى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈش ۋە بايانات بېرىش يولى ئارقىلىق ھۆزرىخالىق ئېيتقان بولسىمۇ، رابىيە قادىر خانىم تەيۋەن تەرەپنىڭ ئۆزىدىنلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ھەم ئۇيغۇر خەلقىدىن رەسمىي يوسۇندا كەچۈرۈم سورىمىغاندا ئەرز قىلىش قارارىدىن يانمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
بۇ ھەقتە خەلقئارالىق ئاخباراتلاردا ئېلان قىلىنىۋاتقان مۇلاھىزىلەردە، "مايىڭجو ھۆكۈمىتى، سودىدىن باشلاپ ھەر ساھەگىچە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىگە تايىنىش بارغانچە كۈچىيىۋاتقان پەيتتە، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىگە، بولۇپمۇ ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە تەسىر يەتكۈزمەسلىكنى چىقىش قىلىپ، خىتاي كوممۇنىستلىرى ياخشى كۆرمەيدىغان رابىيە قادىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قانداق ئىش ۋە ئادەملەرنى ئۆزلىكىدىن رەت قىلماقتا،" دەپ باھا بەرمەكتە.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.