رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا تونۇتۇش ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشماقتا. تۈركلەرمۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ياخشى بىلىدۇ ۋە كۆڭۈل بۆلىدۇ. رابىيە قادىر خانىم كۆپ قېتىم تۈركىيىگە تەكلىپ قىلىنغان بولسىمۇ، تۈركىيىنىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى دەسلەپ ئۇنىڭ پاسپورتىنى ئېلىپ قېلىپ، بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ۋىزا بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
شۇنىڭ بىلەن رابىيە قادىر خانىم بۈگۈنگىچە تۈركىيىگە كېلەلمىگەن ئىدى. بۇ سەۋەبتىن د ئۇ ق نىڭ تۈركىيىدىكى ۋەكىللىرى كۆپ قېتىم تۈركىيىدىكى بەزى سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ رەھبەرلىرى، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، رابىيە قادىر خانىمغا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىزا بېرىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان ئىدى. ئۇلار تۈركىيىدە كۆپ يول ماڭغان بولسىمۇ، تېخىچە رابىيە قادىر خانىمغا ۋىزا ھەل قىلالمىغان ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ تەلىپىگە تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن ئېنىق جاۋاب ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى باشلىقى، پارلامېنت ئەزاسى مۇھسىن يازىجىئوغلۇ ئەپەندى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالى باباجاندىن تۈرك پۇقراسى بولمىغان كىشىلەرنىڭ تۈركىيىگە كىلىشتىكى شەرتلىرىنى سورىدى.
مۇھسىن يازىجىئوغلۇ ئەپەندى 2 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى پارلامېنتىغا، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالى باباجان ئەپەندىنىڭ جاۋاب بېرىشى تەلىپى بىلەن، "تۈركىيە پۇقراسى بولمىغان كىشىلەرگە قانداق بىر شەرت ئاستىدا تۈركىيىگە كېلىشى ئۈچۈن ۋىزا بېرىلمەيدۇ؟" دېگەن تېمىدا سوئال خېتى سۇنغان.
تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى باشلىقى، پارلامېنت ئەزاسى مۇھسىن يازىجىئوغلۇ خىتىدە، تۈركىيە پۇقراسى بولمىغانلارنىڭ تۈركىيىگە كىرەلمەسلىكىنىڭ قانداق ئەھۋال ئاستىدا يۈز بېرىدىغانلىقىغا دائىر سوئاللارنى سورىغان.
مۇھسىن يازىجىئوغلۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالى باباجاننىڭ يازما جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ، تۈركىيە پارلامىنتىغا سۇنغان خېتىنى مۇنداق باشلىغان: "رابىيە قادىر خانىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى بولۇپ، تۈركىيىگە كېلىش ئۈچۈن بىر قانچە قېتىم تۈركىيىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسىغا ۋىزا ئۈچۈن ئىلتىماس قىلغان ۋە ھەر قېتىمدا ۋىزا تەلىپى رەت قىلىنغان. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى مۇھىملىرىدىن بىرى بولسا 2006 - يىلى 4 - ئايدا ئىستانبۇلدا ئېچىلغان "خەلقئارالىق دېموكراتىيە مۇنبىرى" ماۋزۇلۇق يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن ۋىزا تەلەپ قىلغاندا بېرىلمىگەن. يەنە بىرى بولسا 2007 - يىلى1 - ئايدا تۈركىيىدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋىي تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان مەزلۇم - دەر رابىيە قادىر خانىمغا ئىنسان ھەقلىرى مۇكاپاتى بەرگەن ۋە بۇ مۇكاپاتنى ئېلىشى ئۈچۈن ئۇنى ئىستانبۇلغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلغان. ئۇ مۇكاپاتىنى تۇركىيىگە كېلىپ مۇراسىمدا ئېلىش ئۈچۈن ۋىزا تەلەپ قىلغاندا يەنە تۈرك ئەلچىلىكى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان. 2006 - يىلى 4 - ئايدا ئىستانبۇلدا ئېچىلغان دۇنيا دېموكراتىيە مۇنبىرى ماۋزۇلۇق يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان قىلغان ئىدى."
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالى باباجانغا يېزىلغان بۇ خەتتە يەنە، تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ رابىيە قادىر خانىمنىڭ ۋىزا ئىشىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: "رابىيە قادىر خانىمغا تۈركىيىنىڭ ۋىزا بېرىشى توغرىلىق تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ھازىر تۈركىيىدە ھاكىمىيەت بېشىدا بولغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى رەھبەرلىرى بىلەن بىر قانچە قېتىم كۆرۈشكەن بولسىمۇ ئۇلار: `رابىيە قادىر خانىمغا ۋىزا بەرسەك خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز بۇزۇلۇپ كېتىدۇ` دەپ جاۋاب بەرگەن."
بۇ خەتتە، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىدىن تۈرك ساقچىلىرىنىڭ دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى تۈركىيە چېگرىسىدىن قايتۇرىۋېتىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىمۇ سورالغان.
خەتتە بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلگەن: "يەنە ئوخشاشلا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا 2008 - يىلى 8 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تەتىل ئۈچۈن تۈركىيىنىڭ ئانتاليا شەھىرىگە كەلگەن ۋاقتىدا، `تۈركىيىگە كىرىشىڭ مۇددەتسىز چەكلەنگەن` دەپ ئۇنى ئانتاليا ئايروپىلان ئىستانسىىسىدىن گېرمانىيىگە قايتۇرۋەتكەن. دولقۇن ئەيسا تۈركىيە گازى ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئوقۇش ياردەم پۇلى بىلەن ماگىستىرلىق ئوقۇغان بولۇپ، 2006 - يىلىدا گېرمانىيە پۇقرالىقىغا ئۆتكەندىن كېيىن كۆپ قېتىم گېرمانىيە پاسپورتى بىلەن تۈركىيىگە كېلىپ كەتكەن. رابىيە قادىر ۋە دولقۇن ئەيسا تۈركىيىنى ياخشى كۆرىدىغان ۋە خەلقئارادا ئۆتكۈزۈلگەن ئالىي يىغىنلاردا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى جانلىق ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقان كىشىلەر."
تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى باشلىقى، پارلامېنت ئەزاسى مۇھسىن يازىجىئوغلۇ ئەپەندى رابىيە قادىر خانىم ۋە دولقۇن ئەيساغا تۈركىيىنىڭ ۋىزا بەرمىگەنلىكىنى يۇقىرىدىكىدەك بايان قىلىپ ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ ھەقتە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالى باباجاننىڭ جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ تۆۋەندىكى سوئاللارنى سورىغان:
1. قانداق ئەھۋال ئاستىدا تۈركىيە پۇقراسى بولمىغان كىشىلەرنىڭ تۈركىيىگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ؟
2. رابىيە قادىر خانىم خىتايدىكى ۋاقتىدا تۇرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئامېرىكىغا ئېلىپ كېتىلىشىگە خىتاي ھۆكۈمىتى رۇخسەت قىلغان. ئۇنداقتا يۇقىرىدا تۈركىيە ھۆكۈمىتى دېگەندەك رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈركىيىگە كېلىشى تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بۇزىدىغان بولسا، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا مەۋجۈت بولغان قايسى يېقىن مۇناسىۋەتنى بۇزۇشى مۇمكىن؟
3. دولقۇن ئەيسا تۈركىيىدە ئوقۇغان، گېرمانىيە پۇقراسى بولغاندىن كېيىن كۆپ قېتىم تۈركىيىگە كېلىپ كەتكەن، 2008 - يىلى 8 - ئايدا دولقۇن ئەيسانىڭ تۈركىيىگە كىرىشى مۇددەتسىز چەكلەنگەن. ئەگەر راستىنلا چەكلەنگەن بولسا، قايسى قانۇنغا ئاساسەن چەكلەنگەن؟
4. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا بۇندىن كېيىن تۈركىيىگە كېلەلىشى ئۈچۈن قانداق بىر يول تۇتۇشى كېرەك؟
قىممەتلىك ئوقۇرمەلەر، مۇھسىن يازىجىئوغلۇ تەرىپىدىن ھازىرلىنىپ تۈركىيە پارلامېنتىغا سۇنۇلغان بۇ خەتكە، تۈرك قانۇنىغا ئاساسەن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالى باباجان ئەپەندى ı ئاي ئىچىدە يازما جاۋاب بېرىشى كېرەك.
0:00 / 0:00