رابىيە قادىر خانىم ياپونىيىدىكى زىيارىتىنى باشلىدى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، 28 ‏- ئىيۇل كۈنى ياپونىيىگە يېتىپ بېرىپ، ياپونىيىدە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىنى رەسمىي باشلىدى. رابىيە قادىر خانىم، ياپونىيىدىكى ئاساسلىق مەتبۇئات مۇخبىرلىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرى، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇل ۋە ئەزالىرى شۇنىڭدەك ياپونىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن كۈتىۋېلىندى.

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ياپونىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ياپونىيىدە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىنى رەسمىي باشلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىر خانىمغا ياپونىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن يول قويغانلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەندىن سىرت، رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇ رەھبەرلىك قىلىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن مىللىي توقۇنۇشنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھەر قانداق بىر دۆلەتتە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىگە ئىزچىل تۈردە قارشىلىق بىلدۈرۈش پوزىتسىيىسىدە بولۇپ، ئۇنى دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان بۆلگۈنچى دەپ قارىلىماقتا. ئەمما " رافتو تېنچلىق مۇكاپاتى" غا ئېرىشكەن ۋە " نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتى" نىڭ كۈچلۈك نامزاتى شەرىپىگە مۈيەسسەر بولغان رابىيە قادىر خانىم، دېموكراتىك ئەللەرنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر خەلقى تەرىپىدىن " ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىسى" دەپ تەرىپلەنمەكتە.

Rabiye-xanim-yaponda-072809-3-305.jpg
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﻫﺒﯩﺮﻯ ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻢ، 28 ‏- ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻛﯜﻧﻰ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﺪﻩ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﺭﻩﺳﻤﯩﻲ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺗﻮﻛﻴﻮ ﻧﺎﺭﯨﺘﺎ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﺋﺎﻳﺮﯗﺩﯗﺭﯗﻣﯩﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﯞﻩ ﻳﺎﭘﻮﻧﻠﯘﻕ ﺩﻭﺳﺘﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﻛﯜﺗﯜﯞﯦﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ. AFP Photo (AFP Photo)

ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردىكى بىردىن - بىر ۋەكىللىك ئورگىنى ھېسابلانغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇندىن 4 يىل ئىلگىرى، رابىيە خانىم توغرىسىدا، " ئۇزۇن يىللىق جاپالىق ھاياتىنى مۈستەملىكە ئاستىدىكى مىللىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى، دېموكراتىيىسى ۋە ئەركىنلىكى ئۈچۈن سەرپ قىلغان، پۈتمەس - تۈگىمەس مىللىي جاسارەتكە، مۈكەممەل ئىستىقلال ئېتىقادىغا، ئۆز خەلقىگە قارىتا چەكسىز مۇھەببەت ۋە ھۆرمەتكە ئىگە بولغان، تومۇرلىرىدا مىللىي سۆيگۈ، ئەقىدىسىدە ئازادلىق ۋىسالى يەر ئالغان، ھاياتىنى ئەجداتلىرىنىڭ ئارمانى ۋە ئەۋلاتلىرىنىڭ بەختى ئۈچۈن تەقدىم قىلغان ھۆرمەتلىك رابىيە قادىر خانىمنى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەنىۋىي ئانىسى، مىللىي ھەرىكىتىمىزنىڭ لىدىرى، دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈرىشىنىڭ بايراقدارى دەپ تونۇيدۇ ۋە بۇ شەرەپلىك سالاھىيەتنى دۇنياغا ھەم شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىپتىخار بىلەن تەقدىم قىلىدۇ" دېگەن مەخسۇس قارارىنى چىقارغان ئىدى.

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى ياپونىيە زىيارىتىنىڭ خىتاي بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقى توغرىسىدا جار سالغان بولسىمۇ، رابىيە قادىر خانىم ياپونىيە مەتبۇئاتلىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلەر ۋە ياپونىيىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىن كۈتىۋېلىشىغا ئېرىشتى.

رابىيە قادىر خانىم، ياپونىيىدە تۇرۇپ بىزنىڭ تېلېفۇن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ياپونىيىدىكى ئۆز پائالىيىتى توغرىسىدا توختالدى. شۇنداقلا، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە ئوقۇغۇچىلار، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيە زىيارىتىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.

ياپونىيە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيە تۇپرىقىغا قەدەم بېسىشىنى بارلىق كۈچى بىلەن توسىغان بولۇپ، مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرالمىغان ئەلچىخانا خادىملىرى 29 ‏- ئىيۇل كۈنى رابىيە خانىم ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان مۇخبىرلارنى كۈتىۋىلىش يىغىنىدىن ئىككى سائەت بۇرۇن 5 " ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى " ۋە " رابىيە قادىر " خانىم توغرىسىدا مەخسۇس مۇخبىرلارنى كۈتىۋىلىش يىغىنى چاقىرىدىكەن. بىراق رابىيە قادىر خانىم، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي پائالىيەتلىرى ئارقىلىق خىتاينىڭ رەزىل قىلمىشلىرىنى پاش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.