دوكلات ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، 28 - چىسلا ئاقشام توكيوغا قايتىپ كەلگەن رابىيە قادىر خانىم مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى چاقىرغان.
دوكلات بېرىش يىغىنىدا خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەن رابىيە قادىرخانىم خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا دېيىلگەنلەرنىڭ تامامەن يالغان ئۇيدۇرما ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ دوكلاتلىرى قانداق ئۆتۈۋاتىدۇ؟ بۇ دوكلاتنى ئويۇشتۇرغان ئۈنىۋېرسىتېتلار مەمنۇنمۇ؟ رابىيە قادىر خانىمغا قارشى نامايىش قىلغان خىتاي ئوقۇغۇچىلار بىلەن مىللەتچى ياپونلار ئارىسىدىكى جىدەل قانداق جىمىقتۇرۇلدى؟ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ دوكلاتلارنى ئويۇشتۇرغۇچى گۇرۇپپىنىڭ مەسئۇلى نىشىخاۋارا كائوۋا خانىم ۋە دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرى ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.