يېڭى زېلاندىيە خەلقى رابىيە قادىر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى تونۇماقتا

يېڭى زېلاندىيىدە پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، بۈگۈنكى تېلېفون زىيارىتىمىز جەريانىدا، ئۆزىنىڭ سەيشەنبىدىكى پائالىيەتلىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇردى ھەمدە كېيىنكى پائالىيەت پىلانلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

0:00 / 0:00

رابىيە قادىر خانىم ئۆزىنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە قاتناشقان 6 نەپەر ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ ناھايىتى قايغۇرغانلىقىنى، بۇ بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى، خىتاينىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىشتىن بۇرۇن قۇتقۇزۇشقا تىرىشىدىغانلىقىنى شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيا ئەھلىگە بۇ ھەقتە مۇراجەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ھەقتە رابىيە قادىر خانىم بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.