ت
[ ەنقىد خېتى شىنخۇا ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىندىOpens in new window ]
. خەتكە يەنە رابىيە خانىمنىڭ قېرىنداشلىرى، نەۋرىلىرى، كېلىن - كۈيوغۇللىرى بولۇپ جەمئىي 12 كىشىنىڭ قولى قويدۇرۇلغان.
خەتتە، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدە كۆپلىگەن بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ئۆلگەنلىكى، كۆپلىگەن ئاپتوموبىل ۋە دۇكانلارنىڭ ۋەيران بولغانلىقى، بۇنىڭغا رابىيە خانىمنىڭ سەۋەب بولغانلىقى بايان قىلىنغان. "قەدىرلىك ئانا" دەپ باشلانغان خەتتە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: "سىز بىلمەيسىز، شىنجاڭدا ھازىر ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىش بار. خەلق باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىدۇ. خەنزۇلار بىلەن ئۇيغۇرلار ھەم تەڭ - باراۋەر ياشاۋاتىدۇ."
خەتتىكى يۇقىرىقى بايانلار، مەزكۇر خەتنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تەشۋىقات ماتېرىياللىرى بىلەن ئەينى تون، ئەينى مەزمۇندا بولۇپ، بۇنىڭغا قارىتا چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار خەتنىڭ ساختىلىقىنى ياكى مەجبۇرىي يازدۇرۇلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
شىۋىتسىيىدە ياشاۋاتقان ئابدۇرىشىت ھاجى ئەپەندى يۇقىرىقى سۆزلىرىدىن كېيىن، خىتاينىڭ رابىيە قادىرنى قارىلاشتا مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرىگە قايتقانلىقىنى بىلدۈردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، بۈگۈن بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر خەتنىڭ ساختىلىقىنى ياكى مەجبۇرىي يازدۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. دىلشات رىشىت سۆزىدە يەنە، رابىيە خانىمنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا ۋە خەلقئارادا ئابرويىنىڭ كۈنسىرى ئېشىۋاتقانلىقىنى، بۇ ئەھۋالنىڭ بۇ قېتىم رابىيە خانىمنىڭ توكيو زىيارىتى ۋە ئاۋسترالىيە سەپىرىدە تېخىمۇ ئېنىق مەلۇم بولغانلىقىنى، شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، رابىيە خانىمنىڭ يولىنى توسۇش ئۈچۈن يېڭى بىر مېتود قوللانغانلىقىنى، يەنى خىتاينىڭ رابىيە خانىمنى قارىلاشتا ۋاستە تاللىمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئابدۇرىشىت ھاجى ئەپەندى سۆزىدە، مەيلى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرى نۇقتىسىدىن، مەيلى ئىسلامىي ئەخلاق نۇقتىسىدىن بولسۇن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئاتا - ئانىسىغا قارشى گەپ - سۆز قىلمايدىغانلىقىنى، رابىيە خانىم ئائىلىسىدەك مىللىي ۋە سىياسىي تەربىيە قويۇق بولغان بىر ئائىلىدە مۇنداق بىر خەتنىڭ يېزىلىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.
ئابدۇرىشىت ھاجى سۆزىدە يەنە، مەزكۇر خەتنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى قايمۇقتۇرالمايدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنگە قەدەر ئۆز قەھرىمانلىرىنى خىتاي ئېلىپ بارغان تەنقىد ۋە كۈرەشلەردىن تونۇپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.