بۇ يىغىنغا ياپون ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلاردىن بولۇپ، 250 ئەتراپىدا مۇخبىر قاتناشقان. 3 سائەت ئەتراپىدا داۋام قىلغان بۇ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، مۇخبىرلارنىڭ كۆپى رابىيە قادىر خانىمدىن 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە سوئال سورىغان.
رابىيە قادىر خانىم بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە ياپونىيىدىكى مۇھىم سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەنمۇ كۆرۈشكەن بولۇپ، ئۇلارغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونلاردىن كۈتكەن تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ياپونىيىدىكى چوڭ سىياسىي پارتىيە رەھبەرلىرى ئۇيغۇرلارنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.
مۇخبىرلار ئىچىدە كۆپ ساندا خىتاي مۇخبىرلارمۇ بار بولۇپ، بەزى خىتاي مۇخبىرلار رابىيە قادىر خانىمنى "يالغانچى" دەپ ئەيىبلىگەن. رابىيە قادىر خانىم بۇلارغا دەل ۋاقتىدا رەددىيە بىلدۈرگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيە زىيارىتى جەريانىدا يەنە نېمىلەر بولدى؟ بۇ زىيارەتنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.