رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيە زىيارىتى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يولباشچىسى رابىيە قادىر خانىم 10 - ئاينىڭ20 - كۈنىدىن 11 - ئاينىڭ2 - كۈنىگىچە ياپونىيىدىكى 10 ئۈنىۋېرسىتېتتا `يىپەك يولىدىكى ئەجدەرھا بىلەن ئېلىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئانىسى` تېمىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى.

0:00 / 0:00

رابىيە قادىر خانىم ياپونىىيىدە ئويۇشتۇرۇلغان ئىككى ھەپتىلىك پائالىيىتىنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن 11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتە توكيو خەلقئارالىق نارىتا ئايرودرومىدىن ۋاشىنگىتونغا قاراپ ئۇچقان. بىز ئۇ ئايرۇپىلانغا چىقىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ ئىككى ھەپتىلىك زىيارىتىنىڭ قانداق ئۆتكەنلىكىنى سورىدۇق. ئۇ ياپونىيە زىيارىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تارىخىي زىيارەت بولغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ قېتىمقى لېكسىيە بېرىش پائالىيىتىگە كاگوشىما خەلقئارا ئۈنىۋېرسىتېتى ساھىپخانلىق قىلغان، شۇنداقلا، رابىيە قادىر خانىم بۇ قېتىمقى ياپونىيە زىيارىتى جەريانىدا ياپونچە نەشر قىلىنغان كىتابىنىمۇ تونۇشتۇرغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.