بۇ خىل ئەھۋال دۇنيادىكى يادرو ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىۋاتقان دۆلەتلەرنى ئەندىشىگە سالدى. خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ خىتايدا قۇرۇلۇۋاتقان يادرو ئېنېرگىيىسى قۇرۇلۇشلىرىدا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ياپونىيىدىكى يەر تەۋرەش رايونىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سىياسىيون كھەرەىد كھۇۋىسگالت ئەپەندى ياپونىيىدە يۈز بەرگەن ئاتوم رادىئاتسىيىسى ھادىسىسى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.
ياپونىيىدە يۈز بەرگەن ئاتوم رادىئاتسىيىسى تارقىلىش ھادىسىسىدىن كېيىن، خىتاي ئەمەلدارلىرى خىتايدا قۇرۇلۇۋاتقان ئاتوم ئېنېرگىيىسى قۇرۇلۇشلىرىدا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ 21-مارت كۈنىدىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى، نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىش تەلەپ قىلىنىۋاتقان ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئېلېكتر ئىستانسىلىرى قۇرۇلۇشىدا جىددىي بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىشنى تەلەپ قىلغان.
خىتايدا ئاتوم ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىش تەكلىپى 11-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ بىرنەچچە يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ جېجياڭ ئۆلكىسى قاتارلىق بىرنەچچە جايدا ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئېلېكتر ئىستانسىلىرى قۇرۇلۇشلىرى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىدى. خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 11-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە خىتايدا قۇرۇلۇۋاتقان ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئېلېكتر ئىستانسىلىرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما 12-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە ياپونىيىدە يۈز بەرگەن ئاتوم رادىئاتسىيىسى ھادىسىسى سەۋەبىدىن خىتايدىكى ئاتوم ئېنېرگىيىسى قۇرۇلۇشلىرىدا بىخەتەرلىكنى ئالدىنقى شەرت قىلىش تەكىتلەنگەن.

11-مارت كۈنى ياپونىيىدە يەر تەۋرىگەن جايلار پايتەخت توكيونىڭ شەرقىي شىمال قىسمىدىكى فۇكۇشىما، ئىۋاتە، مىياگى ناھىيىلىرىنى مەركەز قىلغان بولۇپ، بۇ يەرلەردە چەتئەللىكلەرمۇ بىرقەدەر كۆپ ئىكەن. ئىچكى موڭغۇل خەلق پارتىيىسىنىڭ باش كاتىپى كھەرەىد كھۇۋىسگالت ئەپەندىمۇ يەر تەۋرەش مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان ئىۋاتە ناھىيىسىدە ئولتۇراقلاشقان. كھەرەىد كھۇۋىسگالت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ھەم سۇنامى ھادىسى شۇنداقلا ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئېلېكتر ئىستانسىلىرىدىكى رادىئاتسىيە ھادىسىسى قاتارلىقلار ھەققىدە توختالدى.
كھەرەىد كھۇۋىسگالت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ يەر تەۋرەش مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان ئىۋاتە ناھىيىسىدە بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە، گەرچە بۇ قېتىم يۈز بەرگەن قاتتىق يەر تەۋرەش ھەم دېڭىز تاشقىنى نۇرغۇن ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان بولسىمۇ، ئەمما خەلقنى ئەڭ ئەنسىرىتىۋاتقىنى يەنىلا يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىدىن تارقالغان رادىئاتسىيە ھادىسىسىنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەسىرىدىن ئەنسىرەش ئىكەن.
كھەرەىد كھۇۋىسگالت ئەپەندى كىشىلەرنىڭ ئىلگىرى ئاتوم ئېنېرگىيىسىدىن بەھرىمەن بولغان چاغدىكى راھەت تۇيغۇسى بىلەن نۆۋەتتە ئاتوم رادىئاتسىيىسىنىڭ زىيىنىدىن ئەنسىرەش ھېسسىياتىنى سېلىشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:
«ياپونىيىدە ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى ئاساسەن يادرو ئېنېرگىيىسىدىن كېلىدۇ. ئىلگىرى تىنچلىق مەزگىلىدە كىشىلەر بۇنىڭ قۇلايلىق تەرىپىنىلا كۆزدە تۇتقىنى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئىنسانىيەتكە ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنى ھەققىدە ئانچە ئويلاشمىغاندەك قىلاتتى. ئەمما، ھازىر كىشىلەر ئاتوم ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىش بىلەن بىللە ئاتوم رادىئاتسىيىسىنىڭ ئىنسانىيەتكە ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنى ھەققىدە قايتا ئويلىنىشقا باشلىدى. ھازىر ياپونىيىلا ئەمەس، بەلكى خىتاي ھەم باشقا نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر ئاتوم رادىئاتسىيىسىنىڭ ئىنسانىيەتكە ئېلىپ كېلىدىغان زىيانلىرىدىن ئەنسىرىمەكتە. موڭغۇلىيە جۇمھۇرىيىتى ئەسلى بۇ ئايدا ياۋروپادىكى گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن موڭغۇلىيىدە يېقىنقى يىللاردا ئاتوم ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىش ھەققىدە مۇزاكىرە قىلماقچى ئىدى، ئەمما ھازىر بۇنىڭغا قارشىلىق كۈچىيىۋاتىدۇ. بۈگۈن فەيسبوكتىمۇ يادرو ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىشقا قارشى تۇرىدىغان بىر گۇرۇپپا قۇرۇلدى.»
ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر خىتايدا 13 جايدا ئاتوم ئېنېرگىيە نۇقتىسى بولۇپ، قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىرىدىن يەنە 20 نەچچىسى بار ئىكەن. خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە سۇ قىس بولغىنى ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتوم رادىئاتسىيىسى ھادىسىسى يۈز بەرگىنىدە ئاتوم قازىنىنى سوۋۇتۇشقا كېرەكلىك سۇنى دېڭىزدىن ئېلىشنىڭ ئاسانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، 12-بەش يىللىق مەزگىلىدە خىتاينىڭ شەرقىي دېڭىز بويى رايونلىرىدىكى ئۆلكىلىرىدە ئاتوم ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىدىغان ئېلېكتر ئىستانسىلىرىنى كۆپەيتىشنى تەشەببۇس قىلغان ئىدى.
خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ياپونىيىدە يۈز بەرگەن ئاتوم رادىئاتسىيىسى ھادىسىسىنىڭ خىتاينى بۇ قەدەر ئەنسىرىتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، يەنىلا خىتاينىڭ تېخنىكا جەھەتتىن ياپونىيىدىن خېلىلا تۆۋەن تۇرىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى سەۋەبىدىن ئىكەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئەگەر خىتايدىكى ئاتوم ئېنېرگىيىسى نۇقتىلىرىدا ھادىسە كۆرۈلسە، خىتايدا يۈز بېرىدىغان ئاپەت دەرىجىسى ياپونىيىدىكىدىن نەچچە ھەسسە ئېغىر بولۇشى مۆلچەرلەنمەكتە ئىكەن.