«يۇرتىمىزدا مىللەتلەر ئىتتىپاق، ئىتتىپاقلاشمىساق، جايىمىز قاماق»

ئالدىنقى ھەپتە ئاخىرىدىكى پروگراممىمىزدا قەشقەردىكى بىر رادىئو ئاڭلىغۇچىمىزنىڭ پروگراممىلىرىمىز ھەققىدە بەرگەن پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنغان ئىدۇق.

0:00 / 0:00

بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا مەزكۇر رادىئو ئاڭلىغۇچىمىزنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدىكى قاراشلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىمىز. مەزكۇر رادىئو ئاڭلىغۇچى شۇ قېتىم مۇخبىرىمىز بىلەن سۆھبىتىدە سىياسىي ۋەزىيەت ئۈستىدە توختىلىپ، ئۆز يۇرتىدا مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاق ئىكەنلىكىنى، ئىتتىپاقلاشمىغانلارنىڭ بولسا ئۆزلىرىنى تۈرمىدە كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ رادىئو ئاڭلىغۇچى سۆھبەت داۋامىدا، ئۆزىنىڭ رادىئو ئاڭلاشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، ئۆزىنىڭ ھەرقانداق بىر سىياسىي پائالىيەتلەرگە ئارىلىشىش نىيىتى يوقلۇقىنى، پەقەت ھەقىقەتنى بىلىش ئارزۇسى بارلىقىنى، شۇڭا 30 يىلدىن بېرى دۇنيانىڭ نەرىدە بېرىلسە بېرىلسۇن، ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېك تىلىدا بېرىلگەن ھەرقانداق بىر رادىئو پروگراممىسىنى قالدۇرماي ئاڭلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۆزىنىڭ چەتئەل رادىئوسىنى ئاڭلىغانلىقى سەۋەبلىك ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر ئاۋارىچىلىككە يولۇقمىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بىر ئاۋارىچىلىك بولىدۇ دەپ تەخمىن قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدا قەشقەردىكى بىر رادىئو ئاڭلىغۇچىمىزنىڭ ۋەزىيەت ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.