رابىيە قادىر خانىمنىڭ قىزى راھىلە خانىم تەيۋەندە قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ قىزى راھىلە خانىم، مۇشۇ ئاينىڭ 18 - كۈنىدىن بۇيان تەيۋەندە زىيارەتتە بولماقتا. راھىلە خانىم، تەيۋەندىكى" ئاي تۇغدى" كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ، رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە ئىشلەنگەن " مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى "ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم ۋە شۇنىڭدەك 5 - ئىيۇل نارازىلىق نامايىشىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن تەيۋەنگە بارغان.

تەيۋەن ھۆكۆمىتى رابىيە قادىر خانىمنىڭ 3 يىلغىچە تەيۋەنگە كېلىشىنى چەكلىگەن بولۇپ، مەتبۇئاتلارغا بۇ ھەقتە ئۆز قارىشىنى بىلدۈرگەن راھىلە خانىم مۇنداق دېگەن": تەيۋەن دېموكراتىك بىر دۆلەت، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن تەيۋەن خەلقىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئەركىنلىكتىن ۋاز كېچىشنى خالىمايدىغان، دېموكراتىيىنى ۋە ھەقىقەتنى ياقلايدىغان بىر خەلق ئىكەنلىكىنى كۆردۇم، شۇڭا ئىشىنىمەن، دالاي لاماغا ۋە ئانامغا بىر كۈنى چوقۇم تەيۋەنگە كېلىش نېسىپ بولىدۇ".

ئاي تۇغدى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى، ما يىڭجۇ ھۆكۈمىتىنىڭ، جۇڭگو كوممۇنىست ھاكىمىيەت ئەمەلدارلىرىنى ئىككى قوللاپ كۈتىۋىلىشى، دېموكراتىك ئەللەرنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىۋاتقان رابىيە قادىر خانىم ۋە دالاي لامادەك كىشىلەرنىڭ تەيۋەنگە كېلىشىنى چەكلىشى، تەيۋەن خەلقىنى قاتتىق مەيۈسلەندۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، ئاي تۇغدى تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى مەشھۇر تەيۋەن ناخشىچىسى Freddy ئەپەندى، راھىلە خانىمنى تەيۋەنگە زىيارەتكە تەكلىپ قىلىش سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى.

"شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن نارازىلىق ھەرىكىتىگە بىر يىل توشتى، بۇنداق بىر مۇھىم كۈنلەردە، مېنىڭچە، تەيۋەندىمۇ بۇ ۋەقەگە قارىتا بىر پوزىتسىيە بىلدۈرۈلۈشى كېرەك ئەلۋەتتە. بولۇپمۇ تەيۋەن بىر ئەركىن دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ۋەقەگە نىسبەتەن ئېنىق مەيدانىنى پۈتۈن دۇنياغا جاكارلىشى كېرەك. راھىلەنى تەيۋەنگە تەكلىپ قىلىشنىڭ بىرىنچى سەۋەبى بۇ، ئىككىنچى سەۋەب، بىز تەيۋەندە رابىيە خانىم توغرىسىدىكى " مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى " ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ DVD پلاستىنكىسىنى 5 - ئىيۇل ھارپىسىدا تارقاتتۇق، بۇ تەيۋەن خەلقىگە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى چۈشەندۈرىدىغان ياخشى بىر پۇسەت بولدى، ھازىر تەيۋەندە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەشۋىقاتىمۇ ناھايىتى كەڭ دائىرىدە تەشۋىق قىلىنماقتا، شۇڭا بىز ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى، نېمىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى، ئەڭ مۇھىمى ھەقىقىي ئەھۋالنى كىشىلەرگە توغرا ئاڭلىتىشىمىز كېرەك".

تەيۋەندە تۇرۇپ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان راھىلە خانىم، ئۆزىنىڭ تەيۋەن زىيارىتىگە، تەيۋەن مەتبۇئاتلىرىدىن باشقا يەنە، چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭمۇ ئالاھىدە قىزىققانلىقى، تەيۋەن خەلقىنىڭ رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەيۋەنگە كېلىشىنىڭ رەت قىلىنىش مەسىلىسىگە بولغان قاراشلىرى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە توختالدى.

راھىلە خانىمنىڭ تەيۋەندىكى زىيارەتلىرى ھەققىدە سورىغان سوئالىمىزغا جاۋاب بەرگەن Freddy ئەپەندى يەنە مۇنداق دېدى.

"ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزدىنمۇ بەكرەك نەتىجىلىك بولدى، چۈنكى راھىلە بىلەن رابىيە قادىر خانىمنىڭ نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلىرى ناھايىتى ئوخشاش، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى كۈچلۈك، مىجەز - خۇلقى قىزغىن، كۈچلۈك قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە، شۇڭا راھىلەنى كۆرگەن مۇخبىرلار، ھەتتا تەيۋەن ئايرودرومىدىكى ساقچىلار، بىخەتەرلىك خادىملىرى بولسۇن ھەممىسى راھىلەنى ناھايىتى ياخشى كۆردى. ھەممە ئادەم راھىلەنى كۆرۈپ خۇشال بولدى، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋىلىش مۇراسىملىرى ئىنتايىن قىزغىن كەيپىياتتا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بارلىق مەتبۇئاتلار يەنى مەيلى تەيۋەن تەرەپدارلىرى بولسۇن، ياكى جۇڭگو تەرەپدارلىرى بولسۇن، كىمنىڭ قايسى تەرەپ ئىكەنلىكىنى ئايرىۋىلىش ناھايىتى قېيىنغا توختىدى، دېمەكچى بولغىنىم، كەيپىيات بەكمۇ يۇقىرى ئىدى. راھىلە تەيۋەندە خۇددى كىشىلەر ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان سەنئەت چولپىنىغا ئايلىنىپ قالدى، راھىلەنى كۆرگەنلا كىشى "سېنىڭ ئاناڭمۇ ساڭا ئوخشاش خۇش - چاقچاقمۇ؟ " دەپ سورىدى، ئىشقىلىپ راھىلە قەيەرگە بارسۇن ئۇ قايىل قىلارلىق سۆزلىرى بىلەن ئۆزىنى تەيۋەندە تونۇتتى".

" مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى" فىلىمىدە، راھىلەنىڭ، ئانىسىنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرى تۈپەيلى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىككى ئىنىسىنىڭ، ھەتتا پۈتۈن ئائىلىسىنىڭ، خىتاينىڭ ئېغىر سىياسىي بېسىمىغا دۇچ كەلگەنلىكى سەۋەبلىك، ئېيتقان ئېچىنىشلىق سۆزلىرى ۋە كۆز يېشى قىلغان كۆرۈنۈشى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، فىلىمنى كۆرگەن تاماشابىنلار راھىلەدىن " سىز، ئانىڭىز بىلەن ئوخشىمىغان قاراشتىمۇ ؟ " دەپ سورىغان، رائىلە بۇ ھەقتە توختالدى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.