روزا تۇتۇش مۇسۇلمانلار قىلىشقا تېگىشلىك بولغان بەش پەرزنىڭ بىرى. ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ يىلدا بىر كېلىدىغان رامزان ئېيىدا 30 كۈن روزا تۇتۇش مۇھىم پەرزلەرنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ.
ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ رامزان ئېيىدا مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتىنى كۈچەيتىش تەشۋىقاتى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، شەھەر، ناھىيە ۋە يېزا-كەنتلىرىگىچە رامزان مەزگىلىدە بىر يۈرۈش چەكلىمە خاراكتېرلىك بەلگىلىمىلەر يولغا قويۇلغان. رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 1-ئاۋغۇست رامزان ئېيى باشلىنىشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىدە ئومۇميۈزلۈك جىددىيلىك كەيپىياتى شەكىللەنگەن.
ئۈرۈمچىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان، ئەمما ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ھۆكۈمەت خىزمەتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن ھەپتە ئۈرۈمچىدىكى ئىدارە جەمئىيەتلەردە ئۇقتۇرۇش چىقىرىلىپ، ئىدارىدىكى مىللىي كادىرلارنىڭ خىزمەت ئېھتىياجى ئۈچۈن سالامەتلىكىنى ئاسراش سەۋەبلىك رامزان ئېيىدا روزا تۇتۇشى چەكلىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان. شۇنداقلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرگە يەنە ئايرىم ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، سىنىپ تەربىيىچىلىرى ھەم فاكۇلتېت سىياسىي يېتەكچىلىرىدىن يۇرتىغا كەتكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى قەرەللىك ئىگىلەپ تۇرۇشى تەلەپ قىلىنغان.
خوتەن شەھىرىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر نەپەر ھۆكۈمەت كادىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارغا چۈشۈرۈلگەن ئۇقتۇرۇشتا، رامزان ئېيىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش تەكىتلەنگەن.
بۇ كادىرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇقتۇرۇشتا رامزان ئېيى مەزگىلىدە نۆۋەتچىلىك ۋە چارلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، ئىدارە خىزمەتچىلىرىنى رەھبەرلىكنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا ھەر كۈنى 24 سائەت تولۇق ھالدا نۆۋەتچىلىك قىلىشقا بەلگىلەش، مەسىلە بايقالغان ھامان دەرھال، «بىخ ھالىتىدە بىر تەرەپ قىلىش» قاتارلىقلار تەكىتلەنگەن.
ئۇندىن باشقا ئىدارە خىزمەتچىلىرىگە قارىتىلغان باشقۇرۇش تۈزۈمىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ روزا تۇتۇشىنى قاتتىق چەكلەش، ئۇلارنىڭ مەسچىتلەرگە كىرىپ ناماز ئوقۇپ، ئىبادەت قىلىشىنى چەكلەش، ئالدىن ئېلىپ بېرىشقا تېگىشلىك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، ئەگەر تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار بايقالسا، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش، ئومۇمەن رامزان ئېيى داۋامىدا مۇقىملىقنى قولغا كەلتۈرۈش خىزمەتلىرىنى تەلتۆكۈس ۋە تولۇق ئېلىپ بېرىشقا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىقلارمۇ تەكىتلەنگەن.
خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىرەيلەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، خوتەندە يۈز بەرگەن 18-ئىيۇل ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن، گۇما ناھىيىسىدىمۇ تەكشۈرۈش كۈچەيتىلگەن. بۇ كىشى ئۆز بايانىدا روزا باشلانغاندىن كېيىن بەلكىم بۇ خىل ۋەزىيەتنىڭ يەنىمۇ چىڭىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
بۇ كىشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېزىلىق ھۆكۈمەت دېھقانلارنىڭ روزا تۇتۇشىغا چەكلىمە قويمىغان بولسىمۇ، ئەمما يېزا كادىرلىرىغا روزا تۇتماسلىق ھەققىدە ئايرىم ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، روزا تۇتقانلار سېزىلىپ قالسا جازالىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرغان. ئۇندىن باشقا رېستوران خوجايىنلىرىغا ئايرىم ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈلۈپ، رامزان مەزگىلىدە رېستورانلارنى ئېچىش تەلەپ قىلىنغان.
بۇ كىشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە روزا مەزگىلىدىكى تۈرلۈك چەكلىمىلەردىن باشقا، بۇ يىل ياز پەسلىدە گۆش قاتارلىق يېمەك-ئىچمەكلەر باھاسىمۇ ئومۇمىي يۈزلۈك ئۆرلەپ، 52 يۈەنگە چىققان، بۇ روزا مەزگىلىدە دېھقانلارغا ئىقتىسادىي جەھەتتىنمۇ بېسىم ئېلىپ كەلگەن.
ئۈرۈمچى غۇلجا قاتارلىق جايلاردىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل رامزان كىرىشتىن ئىلگىرى، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئىدارە ئورگانلاردا روزا تۇتۇشنى چەكلەش ھەققىدە تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنى ئېلان قىلغاندىن باشقا، ئاشخانا رېستورانلارغا روزا مەزگىلىدە نورمال سودا قىلىش تەشەببۇس قىلىنغان. ئەمما كۈندۈزى تىجارەت قىلىشنى توختاتقان رېستورانلارغا نىسبەتەن چارە كۆرۈلىدىغانلىقى ھەققىدە ھازىرچە مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈلمىگەن.
ئۈرۈمچىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىرەيلەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، روزا مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدە رېستورانلار ئادەتتىكى چاغلاردىكىدەك نورمال تىجارەت قىلىش ئېھتىمالى يۇقىرى ئىكەن. ئەمما رېستوران خوجايىنلىرى روزا مەزگىلىدە كۈندۈزى تىجارەت قىلىشنى توختىتىشنى خالىسا، بەلكىم ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئارتۇقچە چەكلىمە قويماسلىقىمۇ مۇمكىن ئىكەن.
غۇلجىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ھۆكۈمەت دىنىي ئېتىقادلارنى چەكلىگەنسېرى، غۇلجىدا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا دىنىي ئېتىقاد چىڭىپ كېتىش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن بولۇپ، ئۆزىگە ئوخشاش نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ شارائىتى يار بەرسىلا روزا تۇتىدىغانلىقىنى، بۇلتۇردىن بۇيان غۇلجىدا نۇرغۇنلىغان رېستورانلار رامزان مەزگىلىدە تىجارەت ئەھۋالىغا قاراپ، كۈندۈزى رېستورانلارنىڭ ئېچىلىش ۋاقتىنى كۆرۈنەرلىك قىسقارتقان، ھەتتا بەزى رېستورانلار رامزان مەزگىلىدە بىر ئاي تىجارەتنى توختاتقان.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر دىنىي ئۆلىمالىرىدىن تۈركىيىدىكى ئىلاھىيەتشۇناسلىق دوكتورى ئاتاۋۇللا شاھيارى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن كېيىن، تۈرلۈك دىنىي پائالىيەتلەرنى پۈتۈن شەرت - ئەقىدىلىرىگە ئۇيغۇن ھالدا ئىزچىل تۈردە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. كىشىلەرنىڭ نورمال دىنىي ئېتىقادىغا قارىتا بېسىم قانچە كۈچلۈك بولغانسېرى، بۇنىڭغا نىسبەتەن قارشىلىقمۇ شۇنچە كۈچلۈك بولىدىغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى دىنىي ئېتىقادقا قارىتىلغان چەكلىمە ھەم بېسىملارنى كۈچەيتكەنسېرى، ئۇيغۇرلاردىكى دىنىي ئېتىقادقا بولغان ئەقىدىلەرنىڭ بارغانچە چىڭىشىمۇ مۇشۇ سەۋەبتىن ئىكەن.