رامىزان ۋە ئەخلاق

ئاللاھ تائالا ئۆز ھېكمىتى بىلەن مەخلۇقاتلاردىن ئىنسانلارنى ئۇلۇغ ياراتتى. جايلاردىن مەككە ۋە مەدىنە شەھەرلىرىنى، كۈنلەردىن جۈمە كۈنىنى، ئايلاردىن رامىزان ئېيىنى ئۇلۇغ قىلدى.

0:00 / 0:00

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قۇرئاندىن دەسلەپكى ۋەھىي رامىزان ئېيىدا چۈشۈشكە باشلىغان. مىڭ ئايدىن ئۇلۇغ بولغان قەدىر كېچىسىمۇ رامىزان ئېيىنىڭ ئىچىدە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىنسانلارنىڭ ئەخلاقىنى ئىسلاھ قىلىشى ۋە ئىرادىسىنى تاۋلاپ يېتىشتۈرۈشى ئۈچۈنمۇ رامىزان ئېيى چوڭ پۇرسەتتۇر. شۇڭا بۇ ئاينى ئىسلام ئەھلى 14ئەسىردىن بېرى قەدىرلەپ كەلمەكتە.

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ياش ئالىم ئابدۇلېتىپ ھاجىم بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

ئابدۇلېتىپ ھاجىم بىلەن سۆھبەت

ئابدۇلېتىپ ھاجىم روزا تۇتۇشنىڭ سىر - ئەسرارلىرى ۋە ئەخلاق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:" روزا تۇتۇشنىڭ سىر - ئەسرارلىرىنى بىلىش ئۈچۈن ئاۋۋال ئىنساننىڭ ئىنسانلىق سىرىنى تونۇش كېرەك. ئۇ بىز سىرتتىن كۆرۈۋاتقاندەك پەقەتلا يەپ- ئىچىدىغان، ھەرىكەت قىلىدىغان ۋە سۆزلەيدىغان جانلىق ھەيكەل ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى ئۇنىڭدىكى ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان روھانىي جەۋھەردۇر. ئىنسان بۇنىڭ بىلەن تەپەككۇر قىلىدۇ، ھەقىقەتلەرنى بىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھېس قىلىدۇ ۋە لەززەتلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا ئىنساندىكى مۇشۇ روھانىي جەۋھەرنىڭ يۈزىسىدىن پۈتۈن پەرىشتىلەرنى ئىنسانلارنىڭ ئاتىسى ئادەم ئەلەيھىسسالامغا سەجدە قىلىشقا بۇيرىغان. ئىنسان شۇنداق ئۇلۇغ مەخلۇقاتكى، ئۇنىڭ روھى ئاللاھ تائالادىن، بەدىنى توپراقتىن بولغان ھۆرمەتلىك بىر مەۋجۇداتتۇر. ئىنسان ھەمىشە ئۇنى ئۇلۇغلۇققا كۆتىرىدىغان روھى بىلەن، ئۇنى رەزىللىككە چۈشۈرۈشكە ئۈندەيدىغان نەپسىي ھەۋەسنىڭ ئارىسىدىكى توقۇنۇشلار بىلەنلا ياشايدۇ. ئەگەر ئۇ، روھى بىلەن ئەقلىنى نەپسىي ھەۋىسىگە بويسۇندۇرۇپ، نەپسىنى ئۆزىگە ھاكىم قىلىۋالسا، ئۇ ھايۋانلىق دەرىجىسىگە چۈشۈپ قالىدۇ. ئەگەر ئۇ ئۆزىنىڭ قەدىر- قىممىتىنى تونۇپ نەپسىنى ئەقلى ۋە روھىنىڭ تەلەبلىرىگە بويسۇندۇرسا، ئۇ پەرىشتىلەرگە ئوخشاش ياكى پەرىشتىلەردىنمۇ ئۇلۇغ بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا ھايۋانلارغا ئەقىل، ئىدراك ئاتا قىلماستىن، پەقەت نەپسىي ھەۋەسىنىلا بەرگەن بولسا، پەرىشتىلەرگە نەپسىي ھەۋەس بەرمەستىن، پەقەت ئەقىل- ئىدراك بىلەن روھنىلا ئاتا قىلغان. ئەمما ئىنسانغا ھەم ئەقىل- ئىدرك بىلەن روھ، ھەم نەپسىي ھەۋەس ئاتا قىلغان. شۇڭا نەپسىگىلا بېرىلىپ ئۆز قەدىر- قىممىتىنى يوقاتقان ئىنسان ھايۋانغا ئوخشاش ئورۇنغا چۈشۈپ قالغاندەك، ئەقىل- ئىدراكىنى قوللىنىپ، نەپسىنىڭ ھەۋەسلىرىنى ئەقىل ۋە شەرىئەت بىلەن مۇھاكىمە قىلغان كىشىمۇ پەرىشتىلەردەك، گاھ ئۇلاردىنمۇ ئۇلۇغ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئاللاھ تائالا قۇرئاندا 'ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار - ئەنە شۇلار مەخلۇقاتلارنىڭ ياخشىسىدۇر' دەيدۇ. چۈنكى روزا بىلەن ئادەم ئۆزىنى شۇنداق ئەخلاقلىق ھەم ئىرادىلىك قىلالايدۇ ."

روزا ۋە تەن ساغلىقى

ئابدۇلېتىپ ھاجىم يەنە مۇنداق دېدى:" پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە بىر ھەدىستە مۇنداق دېگەن: 'روزا تۇتۇڭلار، ساغلام بولۇڭلار.' روزا تۇتۇشتا ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىش، روھنى يۈكسەلدۈرۈش، سەبىر - تاقەتلىك ۋە ئىرادىلىك بولۇپ يېتىلىش ۋە باشقىلار قاتارلىق ئاخىرەتلىك پايدىلار بولغاندەك، تەننىڭ ساغلام بولۇشىغا ئوخشاش دۇنيالىق پايدىلىرىمۇ باردۇر. چۈنكى ئاشقازان - كېسەللىكلەرنىڭ مەركىزى، كېسەلدىن قۇتۇلۇشنىڭ بېشى پەرھىزدۇر. ئاشقازاننىڭ ئارام تېپىشى ئۈچۈن روزىدىن ياخشى پۇرسەت يوقتۇر. باشقا داۋالاش ئۇسۇللىرى پايدا بەرمىگەن كۆپلىگەن شېكەر كېسەللىكلىرى، قان بېسىمى مۈشكىلىسى ۋە باشقىمۇ كېسەللىكلەرنىڭ روزا تۇتۇش ئارقىلىق ساقايغانلىقى ھەققىدە ئالاھىدە ماقالىلەر يېزىلغان. دۇنيادا كۆپلىگەن دوختۇرلارنىڭ بەزى كېسەللىكلەرنى پەرھىز بىلەن داۋالاۋاتقانلىقىمۇ بۇ سەۋەبتىن ئېدى."