رامىزاننىڭ ئاخىرىدىكى فىتىر سەدىقىسى ۋە ئۇيغۇرلار

فىتىر سەدىقىسى رامىزان ئېيىنىڭ سەۋەبى بىلەن پېقىرلارغا بېرىش بەلگىلەنگەن مەخسۇس سەدىقە بولۇپ، ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان بولغان شۇ ئۇزۇن يىللىق تارىخى جەريانىدا، روزا ھېيت كۈنلىرىدە پېقىرلارنىڭ، يېتىم - يېسىرلارنىڭ يۈزلىرىنى كۈلدۈرۈش، ھېيت خوشاللىقىنى ئۇلار بىلەن بىرگە تەنتەنە قىلىش نىيىتى بىلەن رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە بېرىشكە ئادەتلەنگەن، كۆرۈنۈشتە ئاددى، ئەمما ئىجابىي تەسىرى زور بولغان بىر خىل ياردەملىشىش ئىبادىتىدۇر.

0:00 / 0:00

ئابدۇللا ھاجىم بىلەن سۆھبەت

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ياش ئالىم ئابدۇللا ھاجىم فىتىر سەدىقىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:" فىتىر سەدىقىسىنى بېرىش نورمال ئېھتىياجىدىن تاشقىرى مال - مۈلۈككە ئىگە بولغان ھەرقانداق مۇسۇلماننىڭ ئۈستىگە ۋاجىبتۇر، يەنى چوڭ - كىچىك، ئەر - ئايال، ئەقىل ھوشى جايىدا بولغان ياكى بولمىغان ھەرقانداق مۇسۇلماننىڭ ئۆز ئېھتىياجىدىن تاشقىرى بولغان مال - دۇنياسىدىن بېرىلىدۇ.

ۋاجىبنى ئادا قىلىش پەرزگە ئوخشاش زۆرۈردۇر. رامىزاندا فىتىر سەدىقىسىنى بەرمىگەن كىشىنىڭ ئۈستىدە بۇ سەدىقە زاكاتقا ئوخشاش قەرز بولۇپ قالىدۇ، لېكىن تۇتقان روزىسى دۇرۇستۇر. فىتىر سەدىقىسىنىڭ ۋاجىپ بولۇپ بۇيرۇلۇشىنىڭ ھېكمەتلىرىدىن بىرى شۇكى، روزىنىڭ نۇقسانلىرىنى تولۇقلاش ۋە پېقىرلارغا ئېھسان قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىمۇ بۇ روزا ھېيت كۈنىدە خوشال قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ئىبنى جارراھ بۇ ھەقتە:" رامزاننىڭ فىتىر سەدىقىسى نامازنىڭ سەۋەنلىك سەجدىسىگە ئوخشاشتۇر، سەۋەنلىك سەجدىسى نامازنىڭ نۇقسانلىرىنى تولۇقلىغاندەك، فىتىر سەدىقىسىمۇ روزىنىڭ نۇقسانلىرىنى تولۇقلايدۇ " دېگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەرنى بۇ سەدىقىنى ئادا قىلىشقا تەشەببۇس قىلىپ "بۇ ھېيت كۈنىدە پېقىرلارنى بىر نەرسە سوراشتىن بىھاجەت قىلىڭلار" دەپ كۆرسەتكەن."

فىتىر سەدىقىسى قاچان بېرىلىدۇ؟

ئابدۇللا ھاجىم فىتىر سەدىقىسىنى ئادا قىلىشنىڭ ۋاقتى توغرۇلۇق مۇنداق دېدى:" فىتىر سەدىقىسى روزى ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى ئەتىگىنى قۇياشنىڭ چىقىشى بىلەن ۋاجىپ بولىدۇ. بۇنىڭغا بىنائەن، فىتىر سەدىقىسى ھېيت كۈنى بامدات نامىزىدىن كېيىن ۋە ھېيت نامىزىنى ئوقۇشتىن بۇرۇن بېرىلىدۇ. فىتىر سەدىقىسىنى ھېيت كۈنىدىن بۇرۇن بېرىش جائىز بولغاندەك، ئۇنى ھېيت كۈنىدىن كېيىن بېرىشمۇ جائىزدۇر. ئەمما ئەڭ ئەۋزەل ۋاقتى ھېيت كۈنى ھېيت نامىزىنى ئوقۇشتىن بۇرۇن بېرىشتۇر."

فىتىر سەدىقىسىنىڭ مىقدارى قانچىلىك ۋە كىملەرگە بېرىلىدۇ؟

ئابدۇللا ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، ھەر بىر كىشىنىڭ ئۈستىگە پەرز بولغان فىتىر سەدىقىسىنىڭ مىقدارى 3 كىلو 800 گرامما بۇغداينىڭ ئۆزى ياكى خەلق پۇلىدىكى قىممىتىدۇر. فىتىر سەدىقىسى زاكات ئېلىشى دۇرۇس بولغان ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە بېرىلىدۇ. چۈنكى فىتىر سەدىقىسىمۇ ئىقتىسادىي ئىبادەت بولغانلىقتىن، ئۇمۇ زاكاتقا ئوخشاشتۇر.