29 - سېنتەبىر كۈنى ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالىدە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلارنىڭ، مۇبارەك رامىزان ئېيىدا ئۆزلىرىگە قىلىۋاتقان بېسىمنىڭ چىدىغۇسىز دەرىجىدە كۈچەيگەنلىكىنى ئېيتقانلىقى يېزىلغان. ماقالىدە يەنە بۇ رايوندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ روزى ھېيت باشلىنىش بىلەنلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ساقاللىرىنى چۈشۈرۈۋېتىشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى يېزىلغان.
ساباھ گېزىتى مۇخبىرى رامىزان ئېيىنىڭ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئىبادەت ئېيى ئىكەنلىكىنى ئەمما خىتايدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن قورقۇش ئېيى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: "رامىزان دۇنيانىڭ ھەر قانداق جايىدا مۇسۇلمانلار ئۈچۈن دۇئا - تىلاۋەت، ئىبادەت قىلىش ۋە بەخىتلىك ئېيى، ئەمما مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن روزى ئېيى قورقۇش ۋە بېسىم ئېيى دېمەكتۇر. شىنجاڭدا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلار، روزى ھېيتنىڭ كېلىشى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا قويغان چەكلىمىسىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئېيتىشتى."
خەۋەردە خىتايلارنىڭ شاياردىكى ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىمى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلىپ مۇنداق دەپ يېزىلغان: "شايار يېزىسىدىكى ھۆكۈمەت خادىملىرى ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزى تۇتۇشىغا رۇخسەت قىلمىغان. ئۇلارنىڭ مەسچىتلەردە ئىبادەت قىلىشمۇ مەنى قىلىنغان. كىشىلەرنىڭ دىنى تەلىم تەربىيە ئېلىشى تامامەن چەكلەنگەن. بۇ ئايلاردا مەسچىتلەردە تەكشۈرۈش كۈچەيتىلگەن. ھۆكۈمەت بەلگىلەپ بەرگەن شىركەتلەردىن باشقا شىركەتلەرنىڭ ھەجگە ئادەم ئاپىرىشىمۇ چەكلەنگەن."
خەۋەردە ئامېرىكىلىق پروفېسسور درۇ گلادنېينىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىغا يەر بېرىلىپ مۇنداق دەپ يېزىلغان: "ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىدىكى تىنچ ئوكيان مەتبۇئات ئىنىستىتۇتىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان درۇ گلادنېي ئەپەندى خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى كۈچەيگەنلىكىنى ئېيتتى. بۇ ھەقتە نۇرغۇن قانۇننىڭ چىقىرىلغانلىقىنى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قانۇنلاردىن بەزىلىرىنى تاللاپ يۈرگۈزىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى."
خەۋەرنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىلىپ مۇنداق دەپ يېزىلغان: "كەڭلىكى فرانسىيىدەك 3 ھەسسە كېلىدىغان ئۇيغۇر رايونىدا 9 مىليون ئۇيغۇر ياشىماقتا. تەرەققى قىلىۋاتقان خىتاي دۆلىتىنىڭ ھازىرقى ئەڭ چوڭ مەسىلىلىرىدىن بىرى ئۇيغۇرلارغا قارشى مۇجادىلە قىلىش. ئۇيغۇرلار تىبەتلەرگە ئوخشاشلا خىتاينىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان، دىنىي ئىقتىسادىي سىياسىتىدىن نارازى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىك مۇسابىقىسى جەريانىدا بۇلارغا قارىتا بېسىمنى كۈچەيتكەن ئىدى. قەشقەر كۇچار قاتارلىق يەرلەردە بولغان ۋەقەدە 33 كىشى ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ كىشىلەرنى ئۇيغۇر تېررورىستلارنىڭ ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، تېخىغىچە ئىسپاتلىيالمىدى."
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا دىنىي بېسىمنى كۈچەيتىشتىكى سەۋەب نېمە؟ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسىتى مۇشۇنداقلا داۋام قىلىدىغان بولسا، بۇنىڭ نەتىجىسى قانداق بولار؟ بۇ ھەقتە كۆز قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت ۋە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى در. ئەركىن ئەكرەملەرگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.