رامىزان ۋە ئۇيغۇرلار

ھەممىگە مەلۇمكى، رامىزان ئېيى پۈتۈن ئايلاردىن ئۇلۇغ ۋە قىممەتلىك بولغان بىر ئايدۇر. رامىزان ئېيى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن، چوڭ بىر مول ھوسۇل ۋاقتىدۇر. پۈتۈن مۇسۇلمانلار، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار رامىزان ئېيىغا ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلار بۇ ئاينى 11ئاينىڭ پادىشاھى ۋە بەرىكەت ئېيى دەپ قارايدۇ.

0:00 / 0:00

تېخى يېقىنقى يىللارغىچە ئۇيغۇرلاردا رامىزاندا ئىپتار ۋە سۇھۇر ۋاقىتلىرىدا ئىگىز جامىلارنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ناغرا چېلىش ئادەتلىرى بار ئىدى. ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ خۇشاللىقلىرىنى ئىزھار قىلىش ئۈچۈن ئاخشاملىرى "رامىزان ئېيتىش" ئادەتلىرى ھازىرمۇ قىسمەن جايلاردا، خۇسۇسەن ئۇيغۇر يېزىلىرىدا ساقلىنىپ كەلمەكتە.

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ياش ئالىم ئابدۇلېتىپ ھاجىم بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

ئابدۇلېتىپ ھاجىم بىلەن سۆھبەت

ئابدۇلېتىپ ھاجىم رامىزاندا ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىلىق توختىلىپ مۇنداق دېدى: " رامىزان ئېيىدا قىلىنغان ياخشى ئەمەللەرگە باشقا ۋاقىتلاردا قىلىنغان ياخشى ئەمەللەردىن ئەلۋەتتە كۆپ ساۋاب يېزىلىدىغانلىقى بىر ھەقىقەت. رامىزان ئېيى يىلدا بىر قېتىملا كەلگىنى ئۈچۈن ناھايىتى تىز ئۆتۈپ كېتىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، بۇ ئاينىڭ خەيراتلىرىدىن تولۇق مەنپەئەت ئالالىسىمۇ، يەنە كۆپلىگەن كىشىلەر ئەس ھۇشىنى تېپىپ بولغىچە بۇ ئاي ئۆتۈپ كېتىدۇ. بۇ ئاينىڭ قەدرىنى بىلگەنلەر، پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەنلەر بۇ ئاينىڭ شاراپىتىدىن ھەۋزى كەۋسەرلەرنى ئىچەلىگەندەك، بىغەملىكتە ئۆتكەنلەر پۇشايمان قىلىدۇ. يەنە بىر رامىزان كەلسە ۋاقىتنى چىڭ تۇتسام ۋە بۇ ئايدىن تولۇق پايدىلانسام دەپ ئارزۇ قىلىدۇ. ئەمما نۇرغۇنلىرىنىڭ ئۆمرى ئىككىنچى رامىزانغا يەتمەيدۇ. چۈنكى خۇددى قەدىمكىلەر ئېيتقاندەك "ئۆمۈر ئاتقان ئوق" تۇر."

ئابدۇلېتىپ ھاجىم ئۇيغۇرلارنىڭ رامىزان ئېيىدىكى ئېسىل ئادەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:" ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپ مۇسۇلمانچىلىق قائىدىلىرىنى ئەڭ ياخشى رەتكە سالغان ۋە ئەڭ چىۋەر خەلىقتۇر. ئۇلارنىڭ رامىزان ئېيىغا خاس بەكمۇ ئېسىل ئەنئەنىلىرى ۋە ياخشى ئادەتلىرى باردۇر. ئۇلارنى تۆۋەندىكىدەك ئىخچاملاشقا بولىدۇ: ئۇيغۇرلار رامىزان ئېيى ئىچىدە بەش ۋاق نامازنى ئۆز ۋاقتىدا تولۇق ئادا قىلىش بىلەن بىرگە، كىشىلەرگە ئازار بېرىشتىن ۋە ئۇلارنى رەنجىتىپ قويۇشتىن بەكمۇ ھەزەر قىلىدۇ. رامىزان ئېيىدا شۇنچىلىك سېخىي بولۇپ كېتىدۇكى، سەدىقىنى كۆپ بېرىدۇ، ئاجىز - ئۇرۇقلارغا ياردەم قىلىدۇ، يېتىملارنىڭ بېشىنى سىلايدۇ. رامىزان ئېيى قۇرئان چۈشكەن ئاي بولغانلىقتىن،ئۇيغۇرلار بۇ ئايدا قۇرئاننى كۆپ ئوقۇيدۇ، كۆپىنچىسى رامىزان ئېيىدا قۇرئان كەرىمنى تامام قىلىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ چوڭ ئەر - ئاياللىرى ئاخشاملىرى تاراۋىھ نامىزىغا چىقىپ، جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇيدۇ. بالىلار رامىزان ئېيتىپ كۆڭۈللىرىنى شاد قىلىدۇ. رامىزان ئېيى بۇيىچە ھەر قانداق بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىدە مەسچىت جامائەتلىرىنى، قوشنىلارنى، خىزمەتداشلارنى ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلارنى ئىپتارغا چاقىرىپ ئۇلارنى ئىپتار قىلدۇرۇش ئادىتى بار. ئۇلار ئاتا - ئانىسىنى، قېيىن ئاتا - قېيىن ئانىسىنى ئالاھىدە ئىپتار قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ دۇئالىرىنى ئېلىشقا بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى مەنسۇپ بولغان ئىسلام دىنىنىڭ كۆرسەتمىسى ۋە ئەجدادلىرىنىڭ ئەنئەنىسى بۇيىچە، رامىزان ئېيىدا غەيۋەت، شىكايەت، گەپ توشۇش، يالغان سۆزلەش، باشقىلارغا ئازار بېرىش قاتارلىق يامان ئىشلاردىن ۋە پۈتۈن ناچار ئەخلاقلاردىن يىراق تۇرىدۇ. ئۇلار تېلېۋىزور كۆرۈش بىلەن ۋە پايدىسىز سۆھبەتلەرگە قاتنىشىش بىلەن ۋاقىتنى ئىسراپ قىلمايدۇ. بەلكى بۇ ئايدا ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىدۇ. ئۇيغۇرلار مۇندىن باشقا،گۈزەل ئەخلاققا توغرا كەلمەيدىغان ئادەتلىرىنى بۇ ئايدا تۈزىتىش ۋە ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. چۈنكى بۇ ئاي ئۇيغۇرلاردا تەربىيە ئېلىش ۋە ياخشى ئادەتلەرنى ئۆزىدە يېتىلدۈرۈش ئېيى ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار رامىزان كېچىلىرىدە دۇئانى كۆپ قىلىدۇ، كېچىنىڭ ئاخىرقى دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ۋاقىتنى قولدىن بەرمەسلىككە تىرىشىدۇ."

ئۇيغۇرلاردىكى غەمخورلۇق ئادىتى

ئابدۇلېتىپ ھاجىم ئۇيغۇرلاردىكى ياردەمسۆيەرلىك خىسلەتلىرى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:" ئۇيغۇرلار رامىزان ئېيىدا پۇل - ماللىرىنىڭ زاكىتىنى ئايرىپ، جەمئىيەتتىكى پېقىرلارنى، يېتىم - يېسىرلارنى يوقلايدۇ، ئۇلارغا ياردەم قىلىدۇ، ھاجەتلىرىنى راۋا قىلىدۇ. ئۇلار رامىزاننىڭ ئاخىرقى كۈنىدە يېتىم - يېسىرلارنىڭ يۈزلىرىنى كۈلدۈرۈش ئۈچۈن فىتىر سەدىقىسى بېرىدۇ. رۇزى ھېيت كۈنىدە بولسا، چىرايلىق مىللىي كىيىملىرىنى كىيگەن ھالدا، خۇشال - خورام ھېيت نامىزىغا بېرىپ، مۇسۇلمانلار ئاممىسى بىلەن قۇچاقلىشىپ قانغۇچە كۆرىشىدۇ، ئايلاردىن بېرى بىر - بىرى بىلەن كۆرىشەلمىگەنلەر بۇ جايدا ئۇچرىشىدۇ ۋە ھال - ئەھۋال سورىشىدۇ. ئاندىن ئۇلار ئاۋۋال ئاتا - ئانىلىرىنى، ئاندىن توغقانلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىنى شاد قىلىدۇ، ئۇلار بىلەن ھېيتلايدۇ، كەمبەغەللەرگە خەير - ئېھسان قىلىدۇ، بالىلارغا ھېيتلىق بېرىپ ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىنى شاد قىلىدۇ."