ئاتۇشتا بارلىق ئۇيغۇر ئاشخانا - رېستورانلار خوجايىنلىرى رامىزاندا سودا توختاتماسلىق كاپالەتنامىسىغا مەجبۇرى قول قويدى

مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان ئېيى يېقىنلاپ كېلىشى بىلەن، ئۇيغۇر ئېلىدا ئولىمپىك بىخەتەرلىكى نامىدا كۈچەيتىلگەن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىگە ئۇلىنىپ مەخسۇس رامىزان ئېيى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنماقتا.

0:00 / 0:00

ئاتۇشتا يېقىندىن بۇيان بارلىق مۇسۇلمانچە رېستوران ھەم ئاشخانا خوجايىنلىرى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن رامزاندا سودىنى توختاتماسلىق كاپالەتنامىسىغا قول قويۇشقا مەجبۇر بولغان.

مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلۇغ رامىزان ئېيى يېتىپ كېلىشى ئالدىدا تۇرىدۇ، يەنى 2 - سېنتەبىردىن باشلاپ دۇنيا مۇسۇلمانلىرى بىر ئايلىق روزا تۇتۇشقا باشلايدۇ، بۇ مەزگىلدە مۇسۇلمان ئاشخانا رېستورانلىرىمۇ ئاساسەن، نورمال تىجارىتىنى روزا تۇتىۋاتقان مۇسۇلمان خېرىدارلارغا ماسلاشتۇرۇپ، بىر ئاي زولۇق ياكى ئىپتارلىق ۋاقتىغا ئۈلگۈرتۈپ تاماق چىقىرىدۇ،ۋە ياكى بىر ئاي تىجارىتىنى توختىتىپ روزا تۇتىدۇ. بۇ مۇسۇلمان ئەللەر ئۈچۈن ئىنتايىن نورمال ھەم ئەقەللىي بىر ئادەت.

ھالبۇكى ئاتۇش شەھرىدە دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، خىتاي دائىرىلىرى مۇسۇلمان ئاشخانا ھەم رېستورانلارنىڭ رامىزان مەزگىلىدە نورمال تىجارەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرلىرىنى ئالماقتا ئىكەن.

تىنچلىق تورىنىڭ 25 - ئاۋغۇست تارقاتقان بىر ئوقتۇرۇشىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، يېقىندا ئاتۇش شەھەر مەھكىمىسىدە،ئاتۇش شەھەرلىك مىللىي ئىشلار كومىتېتى، ئاتۇش پارتكوم بىرلىك سېپى، سودا سانائەت باشقۇرۇش ئىدارىسى، باج ئىدارىسى ھەمدە ھەر بىر كوچا باشقارمىلىرىغا ئاتۇش شەھرىنىڭ رامىزان ئېيى مەزگىلىدىكى مۇقىملىق خىزمەت يىغىنى چاقىرىلغان بولۇپ، يىغىندا مەزكۇر ئورۇنلارنىڭ سەپەرۋەرلىككە كېلىپ ئىككى كۈن ئىچىدە ئاتۇش شەھىرىدىكى بارلىق چوڭ كىچىك مۇسۇلمانچە ئاشخانا ھەم رېستورانلارنىڭ سانىنى ئېلىپ چىقىش، ۋە مەخسۇس ئادەم ئاجرىتىپ ھەر بىر رېستوران ئاشخانا خوجايىنلىرىنىڭ رامىزان مەزگىلىدە سودىنى توختىتىپ قويماسلىق كاپالەتنامىسىغا قول قويدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش تاپشۇرۇلغان.

ئۇقتۇرۇشتا ئېيتىلىشىچە ھەر بىر مۇسۇلمانچە رېستوران ھەم ئاشخانىلارنىڭ روزا مەزگىلىدە نورمال تىجارەت يۈرگۈزىشىگە كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت بۇ بەلگىلىمە دائىرىلەرنىڭ،بېيجىڭ ئولىمپىك ھەم مېيىپلار ئولىمپىكى داۋامىدا ئاتۇشنىڭ ياخشى ئوبرازىنى ساقلاپ ئاتۇشنىڭ مۇقىملىقىنى ئاشۇرۇشتىكى تەدبىرىنىڭ بىرى ئىكەن.

ئاتۇش شەھرىدە ئۇيغۇر رېستوران ھەم ئاشخانا خوجايىنلىرىنىڭ رامىزان مەزگىلىدە نورمال سودا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت بەلگىلىمە ھەققىدە ھەمدە بۇنىڭ يۈرگۈزۈلۈشى توغرىسىدا مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئاتۇش شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق، ئەمما دىجورنىلىق قىلىۋاتقان كادىر سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

سەيشەنبە كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئاتۇشتا رامىزان ئېيىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ خىل تەدبىرىدىن خەۋەر تاپقانلىقى، نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مەسچىتلەرگە،دىنىي ئەرباپلارغا، مۇسۇلمانلارغا قاراتقان نازارىتىنى كۈچەيتىپ، خىزمەتچى كادىرلار، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلەيدىغان، تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى قاتتىق جازالايدىغان تۈزۈملەرنى بېكىتىپ، دىنىي ھەم سىياسىي جەھەتتە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشىنى جىددىيلەشتۈرىۋاتقانلىقىنى ھەتتا ئاتۇشتىكى بارلىق ئۇيغۇر ئاشخانا ھەم رېستوران خوجايىنلىرىنىڭ روزا مەزگىلىدە ئىشىك تاقىماسلىققا كاپالەت بېرىشكە مەجبۇرلىنىپ، دائىرىلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلىرىگە مەجبۇرى قول قويۇۋاتقانلىقىنى، قول قويمىغانلارنىڭ سودا قىلىش رەسمىيەتلىرىنىڭ دائىرىلەر تەرىپىدىن ئەتكەس قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

ئاتۇش دائىرىلىرىنىڭ مۇسۇلمانچە رېستوران ھەم ئاشخانىلارغا قاراتقان بۇ سىياسىتىنى قانداق ئەمەلىيلەشتۈرۈۋاتقانلىقىنى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئاتۇش شەھىرىدىكى رېستوران ھەم ئاشخانىلار بىلەن ئالاقىلاشتۇق.

ئاتۇشتىكى مەلۇم داڭلىق رېستوراننىڭ مېھمان كۈتۈشكە مەسئۇل بىر دىرېكتورى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خوجايىننىڭ ھازىر يوقلىقىنى ئەمما باج ئىدارىسىنىڭ بىر قانچە كۈن ئاۋال " رامىزان مەزگىلىدە رېستوراننى تاقاشقا يول قويۇلمايدىغانلىقى " توغرىسىدىكى شۇنداق بىر ھۆججەتنى كۆتۈرۈپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئاتۇشتىكى يەنە بىر ئۇيغۇر ئاشخانىسىمۇ تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

دىلشات رىشىت ئاتۇشتا يولغا قويۇلىۋاتقان بۇ خىل تەدبىر مۇناسىۋىتى بىلەن رادىئومىز ۋە باشقا خەلقئارالىق ئاخبارات ئورگانلىرىغا بايانات بېرىپ، "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا رامىزان ھارپىسىدا مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش باھانىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى چەكتىن ئاشقان تەدبىرلەر بىلەن توسىماقتا. بىز خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تاشقى دۇنياغا دىنىي ئەركىنلىككە ھۆرمەت قىلىمىز دەپ تەشۋىق قىلىپ، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈستىدىن دىنىي باستۇرۇشىنى توختاتماي يەنىمۇ جىددىي داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىغا كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرىمىز. دۇنيا كۆرۈپ تۇرۇپتىكى خىتاينىڭ ئاتۇشتا ئېلىپ بېرىۋاتقان تەدبىرلىرىنىڭ ئۆزىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادنى ئېغىر دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ،" دېدى.