ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىنىي بېسىمغا قارىتا خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا يەر ئالغان ئىنكاسلار

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رامىزان مەزگىلىدە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى دىنىي بېسىمنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇپ، ھەتتا يېمەكلىك سوۋغات قىلىش، تارقىتىش، ئاشخانىلارنى تاقاشقا رۇخسەت قىلماسلىق، قول قويغۇزۇش قاتارلىق ۋاستىلەر ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ روزى تۇتۇشىنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا كۈچلۈك ئىنكاسلارنى قوزغىدى. ئىنكاسلاردا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەقىدىلىرىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى تەنقىدلەندى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012.08.10
yaponiye-uyghur-ramizan-305.png ياپونىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رامىزان مەزگىلىدە مەسچىتلەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىدىن بىر كۆرۈنۈش
RFA/Erkin Tarim


تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئىرادە سىلەرگە خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا قوزغالغان ئىنكاسلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىدۇ.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇۋاتقان دىنىي بېسىم سىياسىتى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ رامىزان مەزگىلىدە ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى، دۆلەت كادىرلىرىنى روزى تۇتۇشتىن چەكلەپ ئۇقتۇرۇش چىقىرىشى، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ چۈشلۈك تاماققا مەجبۇرلىنىشى، ھەتتا بىر قىسم جايلاردا خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر كادىرلارنى يوقلاش باھانىسى بىلەن يېمەكلىك كۆتۈرۈپ كېلىشىدەك ئەھۋاللار دۇنيادىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى قاتتىق قوزغىدى. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، ئاۋسترالىيە، تۈركىيە، قاتار، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە چىقىدىغان ئاخبارات ۋاستىلىرىدە كۆپلەپ ئېلان قىلىندى. بۇ ھەقتە تۈرلۈك مۇلاھىزىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەسىلەن، «دۆلەت» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «خىتايدىكى مۇسۇلمانلار رامىزان رىقابىتىگە دۇچ كەلمەكتە» ماۋزۇلۇق خەۋەر ماقالىسىدە مۇخبىر ئالدى بىلەن خىتايدىكى تۇڭگان مۇسۇلمانلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىدىكى پەرق ئۈستىدە توختالغان. ئۇ خىتايدىكى تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بۇيىچە روزى تۇتۇۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتە بېسىمغا ئۇچرىمىغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئەمما ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن ئەھۋالنىڭ باشقىچە ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ بولسا ئۇيغۇر رايونلۇق دائىرىلەر تەرىپىدىن داۋاملىق بېسىم ۋە تەقىبكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

ماقالىدە، ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرىنىڭ يىللاردىن بۇيان رامىزان مەزگىلىدە ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە تاماق تارقىتىش ئارقىلىق، دۆلەت كادىرلىرىنى ئىشتىن قوغلاندى قىلىش تەھدىتى بىلەن روزى تۇتۇشتىن چەكلەپ كەلگەنلىكى بايان قىلىنغان. ماقالىنىڭ ئاپتورى خەۋىرىدە، شياڭگاڭ پەن - تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى دىڭ شۆلياڭنىڭ كۆز قاراشلىرىغا يەر بەرگەن. دېڭ شۆلياڭ ئەپەندى خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان كىشى بولۇپ، ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىگە قارىتا ئۆز كۆز قارىشىنى مۇنداق بايان قىلغان:

ئەگەر ھۆكۈمەت دائىرىلىرى مۇشۇنداق قاتتىق قوللۇقنى داۋام قىلىۋەرسە، رايوندا تېخىمۇ كۆپ شىددەتكە يول ئاچىدۇ. رامىزان دېگەن مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بىر ئاي. بۇ سىياسەتكە تاقاشمىسا، نېمىشقا ئۇلارنى ئۆزى خالىغاننى قىلغىلى قويمايدۇ. بۇ ناھايىتى ئېچىنىشلىق بىر ئەھۋال.

پروفېسسور دېڭ شۆلياڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى سۈركىلىشنى ئازايتىش ئۈچۈن ھازىر يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ : «خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندىكى سۈرگىلىشنى ئازايتىمەن دەيدىكەن، چوقۇم ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارغا ئىش بېرىشى كېرەك. ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى، دىنىغا ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان ئىشەنچىسىزلىكىنى تېخىمۇ ئاشۇردى. ھۆكۈمەت ئۇيغۇرلارنى ئىقتىسادىي پۇرسەتلەردىن كۆپرەك بەھرىمەن قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ نارازىلىقىنى ئازراق بولسىمۇ پەسەيتەلىشى مۇمكىن» دېگەن.

بۇ ھەقتە يەنە، ئىستراتېگىيىلىك مۇلاھىزىلەر تور بېتى بولغان «ئايلانما يول سىرتىدا» ناملىق تور بەتتىمۇ بىر مۇلاھىزە ئېلان قىلىنغان. «خىتايدا مۇسۇلمانلار مەسىلىسى مەۋجۇتمۇ ؟» دېگەن مۇلاھىزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان دىنىي بېسىم سىياسەتلىرى ۋە بۇ رامىزان مەزگىلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان چەكلىمىلەردىن مەلۇمات بېرىلگەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مول بايلىققا تولغان بۇ كەڭ زېمىندىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قاتتىق ئەنسىرەيدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ رادىكاللىقنى كەلگۈسىدە ئۆزلىرىگە باش ئاغرىقى تېپىپ بېرىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ماقالىدە:

- ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمانلار يىللاردىن بېرى بېسىمغا ئۇچراپ كەلدى. بۇ يىلمۇ ۋەزىيەت ئىلگىرىكى يىللاردىن پەرقلىق بولمىدى. خىتاي ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپ بالىلىرىغا كەمپۈت تارقىتىپ بېرىدىغان، ئۇلارنى روزىسىنى بۇزۇشقا مەجبۇرلايدىغان ئەھۋاللار ئوخشاشلا تەكرارلاندى. ئەمەلىيەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىجرالىرى بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولۇۋاتقان «مىللەتلەر ئىتتتىپاقلىقى» غا پايدىلىق ئەمەس. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى روزى تۇتۇشتىن ۋە شۇنىڭدەك باشقا دىنىي پائالىيەتلەردىن چەكلەشكە ئوخشاش سىياسەتلىرى قوللاشقا ئېرىشەلمەيدۇ. دىنىي ئەركىنلىك دېگەن ئەڭ مۇھىم كىشىلىك ھوقۇقلارنىڭ بىرى. دۆلەتتە ئادالەتنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى پۇقرالارنىڭ تەلىپىگە قۇلاق سېلىشى كېرەك. ئىسلام دىنىنى چەكلەش چارە ئەمەس، دەپ كۆرسىتىلگەن.

يەرشارى ۋە مەكتۇپلار گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «ھوقۇق، رامىزان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىننى چەتكە قېقىشى» ناملىق ماقالىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمان تۈركىي خەلق ئىكەنلىكى، كېيىنكى يىللاردا بۇ رايوندا خىتاي نوپۇسىنىڭ ھەسسىلەپ ئېشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى بىلەن تەڭلەشكەنلىكى ۋە بۇ رايوننىڭ بىر قانچە قېتىملىق زور ئېتنىك سۈركىلىشلەرگە سەھنە بولغانلىقى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇماتلار بېرىلگەن. گېزىت ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىنىي بېسىم ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن :

ئۇيغۇر ئېلى ناھايىتى سەزگۈر بىر رايون. 8 دۆلەت بىلەن چېگرىلىنىدىغان بۇ رايون خىتاينى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەپ كەلمەكتە. ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي بېسىمغا ئۇچرايدىغانلىقى يېڭىلىق ئەمەس. ئەمما، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ بېسىم ھەسسىلەپ ئېشىپ، رايوندىكى مۇقىمسىزلىقنىڭ ۋە خەۋپسىزلىكنىڭ ئاساسلىق سەۋەبچىسى بوپقالدى. ئۆتكەن ھەپتە خىتاي دائىرىلىرى 20 كىشىنى دىنىي رادىكاللىققا باغلاپ، قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.

ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتى تىنچلىقپەرۋەر يوسۇندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىنتايىن ئادەتتىكى بىر دىنىي پائالىيەتلەرنىمۇ چەكلەش ئارقىلىق بۆلگۈنچىلىككە يول ئېچىپ بەرمەكتە. ئەگەر دائىرىلەر بۇ سىياسىتىگە مۇشۇنداقلا داۋام قىلىدىكەن، خىتاي رەھبەرلىرى بىر كۈنى ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى، جۈملىدىن كىشىلىك ھوقۇقنى چەتكە قاققانلىقىدىن قاتتىق پۇشايمان قىلىپ قالىدىغان بىر ئاقىۋەتكە قالىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.