فىتىر سەدىقىسى ھەققىدە كۆپرەك مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈمىدى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئابدۇلئەزىز ھاجىمغا بىر قانچە سوئال بىلەن مۇراجىئەت قىلغان ئىدۇق.
ئابدۇلئەزىز ھاجىم بىلەن سۆھبەت
ئابدۇلئەزىز ھاجىم فىتىر سەدىقىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:" فىتىر سەدىقىسىنى بېرىش نورمال ئېھتىياجىدىن تاشقىرى مال- مۈلۈككە ئېگە بولغان ھەرقانداق مۇسۇلماننىڭ ئۈستىگە ۋاجىبتۇر، يەنى چوڭ - كىچىك، ئەر- ئايال، ئەقىل ھوشى جايىدا بولغان ياكى بولمىغان ھەرقانداق مۇسۇلماننىڭ ئۆز ئېھتىياجىدىن تاشقىرى بولغان مال - دۇنياسىدىن بېرىلىدۇ. ۋاجىبنى ئادا قىلىش پەرزىگە ئوخشاش زۆرۈردۇر. رامىزاندا فىتىر سەدىقىسىنى بەرمىگەن كىشىنىڭ ئۈستىدە بۇ سەدىقە زاكاتقا ئوخشاش قەرز بولۇپ قالىدۇ، لېكىن تۇتقان روزىسى دۇرۇستۇر. فىتىر سەدىقىسىنىڭ ۋاجىپ بولۇپ بۇيرۇلۇشىنىڭ ھېكمەتلىرىدىن بىرى شۇكى، روزىنىڭ نوقسانلىرىنى تولۇقلاش ۋە پېقىرلارغا ئېھسان قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىمۇ بۇ روزا ھېيت كۈنىدە خۇشال قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ئىبنى جارراھ بۇ ھەقتە:" رامىزاننىڭ فىتىر سەدىقىسى نامازنىڭ سەۋەنلىك سەجدىسىگە ئوخشاشتۇر، سەۋەنلىك سەجدىسى نامازنىڭ نوقسانلىرىنى تولۇقلىغاندەك، فىتىر سەدىقىسىمۇ روزىنىڭ نوقسانلىرىنى تولۇقلايدۇ " دېگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەرنى بۇ سەدىقىنى ئادا قىلىشقا تەشەببۇس قىلىپ "بۇ ھېيت كۈنىدە پېقىرلارنى بىر نەرسە سوراشتىن بىھاجەت قىلىڭلار" دەپ كۆرسەتكەن."
فىتىر سەدىقىسى قاچان بېرىلىدۇ؟
ئابدۇلئەزىز ھاجىم فىتىر سەدىقىسىنى ئادا قىلىشنىڭ ۋاقتى توغرىلىق مۇنداق دېدى:" فىتىر سەدىقىسى روزى ھېيت نامىزىنى ئوقۇشتىن ئىلگىرى بېرىلىدۇ. فىتىر سەدىقىسىنى ھېيت كۈنىدىن بۇرۇن بېرىش جائىز بولغاندەك، ئۇنى ھېيت كۈنىدىن كېيىن بېرىشمۇ جائىزدۇر. ئەمما، ئەڭ ئەۋزەل ۋاقتى ھېيت كۈنىدىن بۇرۇن بېرىشتۇر."
فىتىر سەدىقىسىنىڭ مىقدارى قانچىلىك ۋە كىملەرگە بېرىلىدۇ؟
ئابدۇلئەزىز ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، ھەر بىر كىشىنىڭ ئۈستىگە پەرز بولغان فىتىر سەدىقىسىنىڭ مىقدارى 3 كىلو 800 گرام بۇغداينىڭ ئۆزى ياكى خەلق پۇلىدىكى قىممىتىدۇر. فىتىر سەدىقىسى زاكات ئېلىشى دۇرۇس بولغان ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە بېرىلىدۇ. چۈنكى فىتىر سەدىقىسىمۇ ئىقتىسادىي ئىبادەت بولغانلىقتىن، ئۇمۇ زاكاتقا ئوخشاشتۇر.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.