رامزاننىڭ ئەھمىيىتى ۋە رامزاندىن كېيىنكى ئىبادەت ھەققىدە
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﭘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ
2010.09.17
2010.09.17
Youtube.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۈسەنجان. رامزان ئېيىمۇ ئاخىرلاشتى لېكىن مۇسۇلمانچىلىق يەنە داۋام قىلىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمان كىشى رامزان ئايلىرىدىكى تەسىراتلىرى ۋە ھاسىلاتلىرىنى قانداق مۇھاپىزەت قىلىشى كېرەك؟
جاۋاپ: مەنچە، ئۇيغۇر مۇساپىر قېرىنداشلار مۇبارەك رامزان ئېيىنى ئاللا قوبۇل قىلغان بولسا ناھايىتى ياخشى ئاياغلاشتۇردۇق دەپ ئويلايمەن. چۈنكى بۇ ئاي بىزگە سەۋرچانلىقنى ئۆگەتتى. ئاچ - توق ياشايدىغان پېقىر - مىسكىنلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئەسلەتتى.
بۇ، مۇبارەك رامىزان ئېيىنىڭ قەدىر قىممىتىنى چۈشىنىپ يەتكەن قېرىنداشلار بۇ بىر ئاي ۋاقىتنى قەدىرلەپ ئاللانىڭ ئەجرىگە ئېرىشتى ئىنشائاللا. بۇ ئاينىڭ ھۆرمىتىنى چۈشەنمىگەن ياكى چۈشەنگەن بولسىمۇ يەنىلا ۋاقتىنى غاپىللىقتا ئۆتكۈزۈپ رامىزانلىق مۇكاپاتنىڭ ئەجرىدىن مەھرۇم قالغانلارمۇ بولدى. مېھرىبان ئاللا بۇ قېرىنداشلىرىمىزنىمۇ ھىدايەت قىلىپ كېلەر يىلى رامزان روزىسىنى غەلىبىلىك تۇتۇشقا نېسىپ قىلسۇن. ئامىن.
ئۇندىن باشقا، ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز رامزان ئېيىنى خىتاي شۇنچە بىسىم قىلسىمۇ، ئېتىپ، ئۆلتۈرۈپ، تۇتۇپ سولاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ رامىزان روزىسىنى تۇتۇشنى چەكلىگەن بولسىمۇ ئۇنىڭغا باش ئەگمەي قاراڭغۇ ئۆيلەردە يوشۇرۇن ھالەتتە روزا تۇتۇپ، تەراۋىھ نامازلىرىنى ئوقۇپ بۇ مۇبارەك ئاينى شۇنچە تەقۋالىق ئىچىدە ئاياغلاشتۇردى. خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى رامزاننىڭ مۇكاپاتىدىن مەھرۇم قىلىش سۇيىقەستى ئوخشاشلا مەغلۇپ بولدى.
مەقسەتكە كەلسەك: رامزان روزىسىنى تۇتۇش مۆمىننىڭ ئىمانىنى، جىسمانىيىتى ۋە ئەخلاقىنى ئىسلاھ قىلىدىغان؛ بۇ ئارقىلىق ئىلاھىغا يېقىنلاشتۇرۇپ شەيتانغا قارشى ئىنقىلابى روھىنى كۈچلەندۈرۈدىغان بىر پەرز ئىبادەت. ئەمما رامزان ئېيى چىقىپ كەتكەندىن كىيىن كەينىگە يېنىپ يەنىلا بۇرۇنقى ئىللەتلىرىگە گۇناھلىرىغا قايتىۋالىدۇ. بۇ ئۇ كىشىدىكى ئىماننىڭ ساختىلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئاللاتائالا ئىمانىمىزنىڭ رامزان ۋاقتىدىلا كۈچلىنىپ ئۇندىن كېيىن يەنە ئاجىزلىققا قاراپ يۈزلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن رامزاندىن كېيىنمۇ مەلۇم سۈننەت ۋە نەپلا روزىلارنى تۇتۇشنى مۆمىن مۇسۇلمانلارغا بۇيرۇغان.
سوئال: ئۇنداقتا ئوقۇرمەنلىرىمىزگە بۇ ھەقتە ئازراق ئۇچۇر بەرگەن بولسىڭىز.
جاۋاپ: بىز ياشاۋاتقان بۇ ئاي يەنى شەۋۋال ئېيىدا 6 كۈن روزا تۇتۇش سۈننەت بولۇپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام "كىمكى رامزان ئېيىنىڭ روزىسىنى تولۇق تۇتۇپ، يەنە شەۋۋال ئېيىدىن 6 كۈن روزا تۇتىدىكەن، خۇددى ئۇ، يىل بويى روزا تۇتقانغا ئوخشاش بولىدۇ،" دېگەن.
قۇرئاندا مۇنداق دېيىلىدۇ: "ئاللانىڭ ھۇزۇرىغا بىر ياخشىلىقنى ئېلىپ كەلگەن كىشى، ئۇنىڭ ئون ھەسسىسىگە ئېرىشىدۇ" (ئەنئام سۈرىسى 160 - ئايەتنىڭ بېشى). چۈنكى "بىر ياخشى ئىشقا ئون ھەسسە ساۋاب بېرىش" پرىنسىپى بويىچە: رامزان ئېيى ئىچىدە تۇتقان 30 كۈن روزا 10غا كۆپەيتىلىپ 300 كۈنگە، شەۋۋال ئېيى ئىچىدە تۇتقان 6 كۈن روزا 10غا كۆپەيتىلىپ 60 كۈنگە تەڭ. ئىككىسىنى قوشقاندا، جەمئىي 360 كۈن بولىدۇ. شۇڭا رامزان روزىسىنى تولۇق تۇتۇپ بولغاندىن كېيىن، شەۋۋال ئېيىدىن يەنە 6 كۈن روزا تۇتقان كىشى يىل بويى روزا تۇتقانغا ئوخشاش ساۋابقا ئېرىشىدۇ دەيمىز. شۇڭا ئۇيغۇر مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ بۇ ئايدا ئاللا رىزاسى ئۇچۇن 6 كۈن روزا تۇتۇشىنى تەشەببۇس قىلىمىز.
سوئال: ھۈسەنجان دىنىمىزدا بۇندىن باشقا يەنە قايسى ئاي - كۈنلەردە روزا تۇتۇش بەلگىلەنگەن؟
جاۋاپ: ئەلۋەتتە ئۇندىن باشقا پەرز سۈننەت ۋاجىپ قاتارلىق 6 تۈرلۈك روزا تۇتۇش بار.
1. ئەرەفات كۈنىدە روزا تۇتۇش. پەيغەمبىرىمىز بۇ كۈننىڭ روزىسى توغرىسىدا ئاللا ئۆتكەن ۋە كېلىدىغان يىلدىكى ئىككى يىللىق گۇناھلارنى يوققا چىقىرىدۇ دەپ جاۋاب بەرگەن.
2. ئاشۇرا كۈنىنىڭ روزىسى، مۇھەررەمنىڭ 10 - كۈنى تۇتۇلىدىغان روزا بولۇپ بۇنىڭ ساۋابىنىڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى، ۋە بۇ كۈندە روزا تۇتقۇچىلارنى ئالدىدىن ياكى كەينىدىن بىر كۈن قوشۇپ روزا تۇتۇشىنى سۈننەت قىلغان.
3. دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرىنىڭ روزىسى. پەيغەمبىرىمىز دۈشەنبە كۈندە تۇتۇلغان روزىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا مەن بۇ كۈندە دۇنياغا كۈز ئاچتىم. بۇ كۈندە ماڭا ۋەھىي كېلىشكە باشلىدى دېگەن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلەردە روزا تۇتاتتى. بۇ ئىككى كۈنىدە روزا تۇتۇشنىڭ سەۋەبى توغرىلىق سورالغىنىدا - ئۇ ئەمەللەر دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرىدە ئاللاتائالا كۆرسىتىلىدۇ. بۇ كۈندە ئاللا پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. پەقەت بۇ كۈنلەرنى قەدىرلىمىگەنلەرنىڭ گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلىش ئىشى كېچىكتۈرۈلىدۇ. دېگەن.
دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى دە ئەمەللەر ئاللا غا كۆرسىتىلىدۇ مىنىڭ ئەمەللىرىمنىڭ مەن روزىدار ھالىتىمدە كۆرسىتىلىشىنى ياقتۇرىمەن.
4. ھەر ئايدا 3 كۈن روزا تۇتۇش. ئەبۇ ھۇرەيرە پەيغەمبىرىمىز بىزگە ھەر ئايدا 3 كۈن روزا تۇتۇشنى بۇيرۇغان ۋە ھەر ئاينىڭ نەپلى روزا تۇتۇش ئۇچۇن ئەڭ ئەۋزەل كۈنلىرى قەمەرىيە ئايلىرىنىڭ 13 - 14 - 15 - كۈنلىرى ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا ھەر ئاينىڭ بۇ كۈنلىرىدە روزا تۇتۇشنىڭ يىل بۇيى ئۈزمەستىن روزا تۇتقانغا ئوخشاش ساۋابلىق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
5. شەبان ئېيىدا روزا تۇتۇش. پەيغەمبىرىمىز ھېچ بىر ئايدا شەبان ئېيىدا روزا تۇتقاندەك كۇب روزا تۇتمايتتى. ئۇ شەبان ئېيىنىڭ ھەممىسىنى روزا بىلەن چىقىراتتى.
6. نەپلە روزىلار ....
بۇ روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت كۈنلىرىدىن باشقا كۈنلەردە مۇسۇلمان ئۆزى خالاپ سۈننەتكە ئۇيغۇن شەكىلدە تۇتسا ئاللا تەرىپىدىن ساۋابقا ئىگە بولىدىغان روزىلار. نەپلە روزىلار توغرىسىدىمۇ پەيغەمبىرىمىزنىڭ نۇرغۇن ھەدىسلىرى كەلگەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.