رامزان مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كونتروللۇق كۈچەيتىلدى

خىتاي مەتبۇئاتلىرى 2-ئاۋغۇست كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە ئاقسۇ، قەشقەر، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردىن قولغا ئېلىنغان 20 نەپەر ئۇيغۇرغا يۇقىرىسى 15 يىل، ئەڭ تۆۋىنى بىر يېرىم يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ بۇ خەۋىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۆز تور بېكىتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، «خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رامزان مەزگىلىدە 20 نەپەر ئۇيغۇرغا تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللاندى دېگەندەك قالپاقلارنى كىيدۈرۈپ، ئۇلارنى ئېغىر قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشى شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش ۋە دىنىي چەكلىمىلەرنىڭ نەقەدەر ئېغىر ئىكەنلىكى» نى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئەيىبلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتمۇ رادىئومىز ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «دائىرىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا نۆۋەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ رايوندىكى ۋەزىيەتنى قاتماللاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ بولغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقى»نى ئىلگىرى سۈردى.

نۆۋەتتە دائىرىلەرنىڭ مۇقىملىقنى ساقلاش نامىدا ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشنى بارغانچە كۈچەيتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ نازۇك ھېسسىياتى بولغان دىنىي ئېتىقادى ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە زەربە بېرىش» نامىدا باستۇرۇشى ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيالىيلار ھەتتا يېزا-كەنتلەردىكى دېھقانلارنىڭمۇ نارازىلىقىنى قوزغىغان. يېقىندىن بۇيان بۇ خىل نارازىلىق تور بېكەتلىرىدە ھەر خىل ئىنكاس شەكلىدە ئىپادىلىنىپ كەلمەكتە.

بۈگۈن ئۇيغۇر ئېلىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلارمۇ، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ھەر خىل چەكلىمە ۋە بەلگىلىمىلەرنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىنمۇ كۈچىيىپ كەتكەنلىكى، خەلق ئارىسىدىكى نارازىلىق كەيپىياتىنى كۈچەيتىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

2-ئاۋغۇست كۈنى يەنە 20 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ سوتلانغانلىقىغا قارىتا ئۆز ئىنكاسىنى بىلدۈرگەن دەم ئېلىشقا چىققان بىر ئوقۇتقۇچى يېقىنقى ۋاقىتتىن بۇيان يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان چەكلىمىلىرى بارغانچە كۆپىيىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىمۇ كۈچلۈك بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى:
-يېقىندىن بۇيان «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە زەربە بېرىش» نامىدا، دىنىي پائالىيەتلىرىگە قارىتىلغان چەكلىمىلەر تېخىمۇ كۆپەيدى. رامزان كىرگەندىن بۇيان تېلېۋىزور خەۋەرلىرىدە قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق ۋىلايەتلەر ۋە ناھىيىلەردە دۆلەت كادىرلىرى، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتمىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئاشكارا بېرىلىۋاتىدۇ. بالىلارنىڭ دېيىشىچە، ھەرقايسى ۋىلايەت ۋە ناھىيىلەرنىڭ ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىدىمۇ روزا تۇتماسلىق، ناماز ئوقۇماسلىق ھەققىدىكى يەرلىك بەلگىلىمىلەر ئېلان قىلىنىپ، ھۆكۈمەت كادىرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلار روزا تۇتمايدىغانلىقى، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتناشمايدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدىنامە يېزىۋاتىدۇ. ھەتتا دېھقانلارغا بېرىلىدىغان تۆۋەن كاپالەت ياردەم پۇلىنىڭ مۇھىم شەرتلىرىدىن بىرى، شۇ ئائىلىدە دىنىي تۈس ئالغان كىيىم كىيگەن كىشى بولماسلىقى كېرەك دەپ بەلگىلىنىپتۇ....بۇنداق ئىشلار بەك جىق، قايسىسىنى دەپ بولالايمىز؟

بۇ پېشقەدەم ئوقۇتقۇچى يەنە 1-ئاۋغۇستتىن باشلاپ يۈرگۈزۈلۈۋاتقان «تۇيۇقسىز ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى» دىكى بەلگىلىمىلەرنىڭ بۇندىن ئىلگىرى رايوندا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قاتتىق سىياسەتنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، رايوندا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان مۇشۇنداق يەرلىك سىياسەت-بەلگىلىمىلەر كۆپىيىپ، تۈرلۈك بېسىملار كۈچەيسە، ئەلۋەتتە نارازى بولىدىغان ئادەملەرنىڭ كۆپىيىشى مۇقەررەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

خوتەندىكى بىر يېزىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خانىم، ئۆزىنىڭ ئائىلىدىكى ئايال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ يېزىسىدا ئاياللارنىڭ كىيىنىشى ھەم رامزان مەزگىلىدىكى چەكلىمىلەرنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن كۆپەيگەنلىكىنى بىلدۈردى:
‏-ئىلگىرى ھۆكۈمەت كادىرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى روزا تۇتساڭلار بولمايدۇ دەيتتى. ئەمما، ھازىر بىز ئادەتتىكى دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگىمۇ يېزا كادىرلىرى كىرىپ، رامزان مەزگىلىدە مەۋلۈت ئوقۇتمايسىلەر، ئۆيۈڭلارغا ئادەم يىغىپ قۇرئان ئوقۇمايسىلەر، مېھمان چاقىرىپ ئىپتار چېيى بەرمەيسىلەر، بالىلىرىڭلار روزا تۇتۇشقا دەۋەت قىلىپ رامزان قوشىقى ئېيتماسلىقى كېرەك، دىنىي تۈس ئالغان كىيىملەرنى كىيىپ تالا-تۈزگە چىقمايسىلەر، دېگەندەك بەلگىلىمىلەرنى ئۇقتۇردى.

بۇندىن ئىلگىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، رايون ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ئىنكاسلىرىنى بىلدۈرگەن ئۇيغۇرلارمۇ رايوندىكى نارازىلىق كەيپىياتى ۋە قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ھەر خىل چەكلىمىلەر ئىچىدە خوتەندە روپاش ئاياللارنىڭ يۈزىنى مەجبۇرىي ئاچقۇزۇش، ئەرلەرنىڭ ساقىلىنى مەجبۇرىي چۈشۈرۈش،كىشىلەرنىڭ ئۆيدە ناماز ئوقۇشىغا رۇخسەت قىلماسلىق، مەسچىتتە ناماز ئوقۇغانلارنى تىزىملاش، قۇرئان قاتارلىق دىنىي كىتابلارنى ساتقانلارنى، دىنىي مەكتەپ ئاچقانلارنى تۇتقۇن قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولۇپ، رايوندا يۈز بەرگەن بىر قاتار قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.