خىتاي، 'ئەدەبىيات ساھەسىدە راست گەپ قىلالىغان يازغۇچى' دەپ نام ئالغان شى دوڭبىڭنى سوتلىدى

خىتاي يازغۇچىسى شى دوڭبىڭ ئۈستىدىن بۈگۈن 13 - سېنتەبىر بېيجىڭدا سوت ئېچىلدى. شى دوڭپىڭ خىتايدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان "ئەدەبىيات ساھەسىدە راست گەپ قىلالىغان يازغۇچى"، "يۇقىرى قاتلام ئىچى ئەھۋالىنى پاش قىلغۇچى" دەپ تەرىپلىنىپ كېلىۋاتقان يازغۇچى ئىدى.

0:00 / 0:00

چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرىدىن "شەپە" جۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى جاڭ ۋېيگو ئەپەندى، "شى دوڭبىڭ قاتارلىق يازغۇچىلارنىڭ سوتلىنىشى، كوممۇنىست ھاكىمىيەتنىڭ پۇقرالارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ يەنە بىر پاكىتى" دېدى.

شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولىشىچە، خىتاي يازغۇچىسى شى دوڭبىڭ بۇلتۇر 9 - ئايدا بېيجىڭ ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان بولۇپ، بۈگۈن بېيجىڭ شەھەرلىك 2 - ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى، ئۇنى"ئالدامچىلىق جىنايىتى" بىلەن ئەيىبلەپ سوت ئاچقان.

سوتتا، يازغۇچى شى دوڭپىڭ 2004 - يىلدىن 2006 - يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئۆزىنى"دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە بىر قىسىم يەرلىك ئەمەلدارلار بىلەن مۇناسىۋىتىم يېقىن"دەپ تونۇشتۇرۇپ، "باشقىلارنىڭ پۇلىنى قاقتى - سوقتى قىلغان" دەپ ئەيىبلەنگەن. خەۋەردە يازغۇچى شى دوڭبىڭنىڭ دېلوسى مۇرەككەپ بولغىنى ئۈچۈن، سوتنىڭ بىر كۈن داۋاملىشىدىغانلىقى بايان قىلىنىپ، شى دوڭپىڭ ئۈستىدىن چىقىرىلىدىغان جازا ھۆكۈمى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن.

يازغۇچى شى دوڭبىڭ خىتاي تىلىدىكى تور بەتلىرىدە ئۈزلۈكسىز ھالدا، "بېيجىڭدىكى يۇقىرى قاتلام ئەمەلدارلىرى" ھەققىدىكى ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي پۇقرالىرى تەرىپىدىن "خىتاي ئەدەبىيات ساھەسىدە راستچىل يازغۇچى" دەپ تەرىپلىنىپ كېلىۋاتقان ئىدى.

"شەپە" جۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى جاڭ ۋېيگو ئەپەندى، خەلقنىڭ سىياسىي ئىسلاھات تەلىپى كۈچىيىۋاتقان مۇشۇنداق بىر شارائىتتا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يازغۇچىنى قولغا ئېلىپ بىر يىلدىن كېيىن، ئۇنى "ئالدامچىلىق ۋە باشقىلارنى قاقتى سوقتى قىلىش" جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، سوتلىشىنىڭ خىتاي جەمئىيىتىدە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان پۇقرالارنىڭ نارازىلىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

جاڭ ۋېيگو ئەپەندى "خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ خىتايدا كوممۇنىست ھۆكۈمەت چىرىكلىشىپ، پۇقرالارنىڭ سىياسىي جەھەتتىن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش تەلىپى كۈچىيىۋاتقان مۇشۇنداق بىر شارائىتتا، پۇقرالار تەرىپىدىن 'راست گەپ قىلالىغان يازغۇچى' دەپ تەرىپلىنىپ كېلىۋاتقان بىر يازغۇچىنى، ئالدامچىلىق جىنايىتى ۋە باشقىلارنى قاقتى سوقتى قىلىش" جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، سوتلىشى ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۇقرالارنىڭ سۆز ئەركىنلىكىنى باستۇرۇش جەريانىدىكى يەنە بىر تاكتىكىسى دېيىشكە بولىدۇ."

جاڭ ۋېيگو ئەپەندى خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدىكى مۇلاھىزىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: "خىتايدا ئىقتىسادىي ئىسلاھات يولغا قويۇلغان بۇ 30 يىلدىن بۇيان، خىتاي ئەمەلدارلىرى ئارىسىدا چىرىكلىك ئەۋج ئالدى. شۇڭا خەلقنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىكى چىرىكلىك قىلمىشلىرىغا بولغان نارازىلىقى كۈچىيىپ، ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش تەلىپىمۇ كۈچەيدى. ھازىر پۇقرالارنىڭ ئەڭ دىققەت قىلىدىغىنى مەركىزى ھۆكۈمەت ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنماي مەخپىي تۇتۇلۇۋاتقان ۋەقەلەر بولۇپ قالدى. شۇڭا يازغۇچى شى دوڭبىڭغا ئوخشاش ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىچكى ئەھۋاللىرى ھەققىدە ماقالە يازىدىغان يازغۇچىلار خەلق تەرىپىدىن قارشى ئېلىنىپ كەلدى. كومپارتىيە ھاكىمىيىتى ئەلۋەتتە بۇنداق يازغۇچىلارنى يامان كۆرىدۇ. ئەمما ئۇلارنى ئوچۇق - ئاشكارا سىياسىي جىنايەت بىلەن ئەيىبلىسە خەلقنىڭ نارازىلىقى كۈچىيىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. شۇڭا خەلق تەرىپىدىن مەدھىيىلىنىپ كېلىۋاتقان بۇ كىشىلەرگە ھەرقانداق جىنايەتلەرنى ئارتىش ئارقىلىق ئۇلارنى كۆزدىن يوقىتىش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ."

خىتايدىكى سەنمېنشيا سۇ ئامبىرى كۆچمەنلىرىنىڭ سەرگۈزەشتلىرى ھەققىدە كىتاب يازغان يازغۇچى شيې چاۋپىڭمۇ، بۇ يىل 19 - ئاۋغۇست بېيجىڭدا قولغا ئېلىنىپ، شەنشى دائىرىلىرى تەرىپىدىن "قانۇنسىز كىتاب تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان" دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى.

جاڭ ۋېيگو ئەپەندى يازغۇچى شيې چاۋپىڭنىڭ جازالىنىش سەۋەبىنىڭمۇ شى دوڭبىڭ بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: "يازغۇچى شيې چاۋپىڭنىڭ قولغا ئېلىنىشىمۇ يەنىلا ھۆكۈمەت يەنىلا ئۇنىڭ كومپارتىيە دائىرىلىرىنىڭ چىشىغا تېگىپ قويغانلىقى سەۋەبىدىن بولغان. مەلۇم بولىشىچە ئىلگىرى مۇخبىرلىق بىلەن شۇغۇللانغان شيې چاۋپىڭ 2006 - يىلى مۇخبىر بولۇپ شەنشىنىڭ ۋېينەن رايونىغا بېرىپ، سەنمېنشيا سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشى سەۋەبىدىن كۆچۈرۈۋېتىلگەن كىشىلەر ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ۋە بۇ ھەقتە كۆپلەپ ماقالە ئېلان قىلغان.

ئۇ ماقالىلىرىدە، سەنمېنشيا سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشى جەريانىدا، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ چىرىكلىكى، كۆچۈرۈلگەن ئاھالىلەر ئۇچرىغان نامۇۋاپىق مۇئامىلە ۋە كۆچمەنلەرنىڭ يەر داۋاسىغا دائىر نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ئاشكارىلىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئەينى چاغدا ئۇنىڭ ماقالىلىرى يەرلىك ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن يىغىۋېلىنغان ئىكەن. ئەمما شىيې چاۋپىڭ سەنمېنشيا سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشى ھەققىدىكى ۋەقەلەرنى ئاشكارىلاشتىن يەنىلا باش تارتماي، "چوڭ كۆچۈش" ناملىق كىتابنى يېزىپ چىقىپ، ئۇنى بۇ يىل 5 - ئايدا ئېلان قىلدى. كىتاب ئېلان قىلىنىپ، ئىككىنچى كۈنىلا، بۇ كىتاب شەنشى دائىرىلىرى تەرىپىدىن يىغىۋېلىندى. يازغۇچى بولسا "قانۇنسىز كىتاب تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان" دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلەندى.

زىيارىتىمىز ئاخىرىدا جاڭ ۋېيگو ئەپەندى، خىتاينىڭ دېموكراتىيە يولىغا مېڭىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە، ئەسەرلىرى خەلق تەرىپىدىن سۆيۈپ ئوقۇلۇۋاتقان يازغۇچى شى دوڭبىڭ ھەم شيې چاۋپىڭغا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ قولغا ئېلىنىپ جازالىنىشىنىڭ نۆۋەتتە خىتايدىكى پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ بارغانچە بوغۇلۇپ، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ بىر پارتىيىلىك ھاكىمىيىتىنىڭ مۇستەبىت سىياسىتىنىڭ ئەمەلىي پاكىتى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا نۆۋەتتىكى شارائىتتا خىتايدا سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنىڭ، پۈتكۈل خىتاي خەلقىنىڭ ئومۇمىي ئارزۇسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.