مۇشۇ ئاي ئىچىدە ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىلغان راي سىناشنىڭ نەتىجىسىدىن قارىغاندا، بۇ قېتىمقى راي سىناشتا زىيارەت قوبۇل قىلغان كىشىلەرنىڭ ئىچىدە، ئەرەب دۆلەتلىرىدە يۈز بەرگەن ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلارنى، خەلقنىڭ ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيىگە بولغان ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنىڭ ئىنكاسى دەپ ھېسابلايدىغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ سانى، ئەرەب دۆلەتلىرىدە يۈز بەرگەن ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلارنى ئىسلام تەشكىلاتلىرى ئىچىدىكى سىياسىي ھوقۇق تالىشىش ھەرىكىتى دەپ قارايدىغانلارنىڭ سانىدىن ئۈچ ھەسسە كۆپ.
ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىلغان راي سىناشقا يېتەكچىلىك قىلغان مارىلاند ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىيشۇناس پروفېسسورى شىبلېي تېلھەمنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى راي سىناشتا زىيارەت قوبۇل قىلغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ 65% ئى، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىسى دېموكراتىك دۆلەتكە ئايلىنىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. گەرچە ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى نامايىشلار ئامېرىكىغا قارشى تۇرىدىغان يېڭى ھۆكۈمەت تىكلەشنى مەقسەت قىلسىمۇ، ئۇلار يەنىلا بۇ نامايىشلارنى قوللايدىكەن.
مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئامېرىكىلىقلارنىڭ قارىشىچە، ئەرەب دۆلەتلىرىدە يۈز بەرگەن نامايىشلاردا ئامېرىكىغا قىلىنغان تەھدىتكە قارىغاندا، ئەرەب خەلقى ئۆزلىرى دېموكراتىك ھەرىكەت قوزغاش ئارقىلىق ھۆكۈمەت قۇرۇپ، دېموكراتىيىدىن بەھرىمەن بولغاندا ئاندىن ئامېرىكىغا ئىپادىلەيدىغان دوستلۇق ئۈستۈن تۇرىدۇ. ئومۇمەن، مۇتلەق كۆپ سانلىق ئامېرىكىلىق يەنىلا ئەرەب خەلقنىڭ دېموكراتىيىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا تىلەكداش.
ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ قېتىمقى راي سىناشقا يېتەكچىلىك قىلغان سىياسىشۇناس پروفېسسور شىبلېي تېلھەمنى ھەيران قالدۇرغان بىر نەرسە شۇكى، ھازىر 27% ئامېرىكىلىق يەنىلا ئىسرائىلىيىنى قوللاش كېرەك دېگەن پىكىردە، 5% ئامېرىكىلىق يەنىلا پەلەستىننى قوللاش كېرەك دېگەن پىكىردە، ئەمما 65% ئامېرىكىلىق ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشقا نىسبەتەن بىتەرەپ پىكىردە.
راي سىناش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، بۇ يىل ئەرەب دۆلەتلىرىدە يۈز بەرگەن دېموكراتىك ھەرىكەتلەردىن كېيىن، ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئەرەبلەرگە بولغان چۈشەنچىسىدە چوڭ ئۆزگىرىش پەيدا بولدى. ھازىر 70% ئامېرىكىلىق مىسىرلىقلارنى ئۆزىنىڭ دوستى دەپ قارايدۇ. بۇ چۈشەنچە ھازىر ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئىسرائىلىيىلىكلەرگە بولغان دوستلۇق چۈشەنچىسى بىلەن ئوخشاش دەرىجىگە يەتتى. ئومۇمەن، بۇ يىل ئەرەب دۆلەتلىرىدە يۈز بەرگەن دېموكراتىك ھەرىكەتلەردىن كېيىن، ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئەرەبلەرگە بولغان چۈشەنچىسى بارغانسېرى ئىجابىي بولماقتا.
ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ قېتىمقى راي سىناشقا يېتەكچىلىك قىلغان سىياسىشۇناس پروفېسسور شىبلېي تېلھەمنى ھەيران قالدۇرغان يەنە بىر نەرسە شۇكى، گەرچە مۇتلەق كۆپ سانلىق ئامېرىكىلىق، ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلارنى ئالقىشلاپ كېلىۋاتسىمۇ، ئەمما ھازىر لىۋىيىگە قارىتا ھاۋادىن ھۇجۇم قوزغاشنى قوللايدىغان ئامېرىكىلىقنىڭ سانى بارغانسېرى ئازلاۋاتىدۇ. بۇ قېتىمقى راي سىناشتا زىيارەت قوبۇل قىلغان ئامېرىكىلىقنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى يەنىلا لىۋىيىدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى كۈچلەرنى قورال بىلەن تەمىنلەشكە قارشى.
مەخسۇس ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا سىياسەتلىرىگە بولغان كۆز قاراشلارنى تەتقىق قىلىدىغان ستفەن كۇرتنىڭ بايان قىلىشىچە، مۇشۇ ئاي ئىچىدە ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىلغان راي سىناشتا، ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئەرەبلەرگە بولغان كۆز قارىشىدا چوڭ ئۆزگىرىش پەيدا بولغانلىقى ئىپادىلەندى. شۇنداقلا، ئامېرىكىلىقلار بۇ راي سىناشتا، ئەرەب دۆلەتلىرىدە پارتلىغان دېموكراتىك ھەرىكەتلەرگە بولغان رايىنى ناھايىتى ئېنىق ئىپادىلىدى. ئۇ بولسىمۇ، ئامېرىكا دېموكراتىيىنى زومۇ-زور قانات يايدۇرماسلىق، نامايىش قىلغانلىكى كىشىلەرنى قەتئىي قوللاپ چىقماسلىق، ئەمما نەتىجىسى دېموكراتىيىگە يۈزلىنىدىغان ھەر قانداق ئاممىۋى ھەرىكەتنى چوقۇم قىزغىن ئالقىشلىشى ۋە قوللىشى كېرەك دېگەندىن ئىبارەت.