قۇمۇل راھەتباغ ئوتتۇرا مەكتىپى تاقىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلدى
2012.04.24
ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە تارقىتىلغان ئۇچۇرلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنى مەركەزلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش سىياسىتى بويىچە، قۇمۇل مائارىپ تارماقلىرى قۇمۇل راھەتباغ ئوتتۇرا مەكتىپىنى، بۇ يىل قۇمۇل شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە قوشۇۋېتىش قارارىنى ئالغان. مەزكۇر سىياسەتنىڭ راھەتباغقا كېلىشى، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنى، ئاتا-ئانىلارنى، بۇ مەرىپەت بۇلىقىنىڭ سۈيىنى ئىچكەن ھەر بىر ئۇيغۇرنى تەشۋىشتە قويغان.
ئوقۇتۇش سۈپىتى، كۆلىمى، شارائىتىمۇ شەھەردىكى باشقا مەكتەپلەردىن قېلىشمايدىغان، يېرىم ئەسىردىن ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بۇ مەرىپەت بۆشۈكىنىڭ چېقىلىپ كېتىشىگە چىدالمىغان ئامما سىياسىي يىغىنلاردا، ھەتتا ۋەكىللەر قۇرۇلتايلىرىدا قارشى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، دائىرىلەرنى راھەتباغ ئوتتۇرا مەكتىپىنى چېقىش قارارىدىن ياندۇرالمىغان.
رادىئومىزغا بۇ ھەقتە ئۇچۇر بەرگۈچىلەرنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا، ھەتتا بۇ ھەقتە قارشى باياندا بولغان ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ۋە كىشىلەر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ، ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى، ھەتتا تەھدىت سېلىشىغا ئۇچرىغان. ئۆتكەن ھەپتە ئىچىدە بىر قانچە ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە، قۇمۇل راھەتباغ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ چېقىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇر ھەم بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىلەر بىر قەدەر كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان ئىدى. راھەتباغ ئوتتۇرا مەكتىپىنى چېقىلىپ كېتىشتىن ساقلاپ قېلىش چاقىرىقىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن، بۇنىڭغا ئائىت تېما ۋە مۇنازىرىلەر تور بەتلەردىن پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈۋېتىلدى.
قۇمۇل راھەتباغ ئوتتۇرا مەكتىپى 1957-يىلى رەسمىي ئوتتۇرا مەكتەپ بولۇپ قۇرۇلغان بولۇپ 55 يىلدىن بۇيان ئۆز قوينىدا نۇرغۇن ئالىملارنى، پروفېسسور، دوكتورلارنى، سىياسىيونلارنى، نوپۇزلۇق دوختۇرلارنى، ئوت يۈرەك يازغۇچى، شائىرلارنى، ئەل سۆيەر ئەمەلدار، يېتۈك سەنئەتكارلارنى، خەلقپەرۋەر ساخاۋەتچىلەرنى... تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەن. ئۇيغۇر ئېلى ئىچى-سىرتىغا تونۇلغان ئالىم، يازغۇچى ۋە مۇتەخەسسىسلەردىن بولمىش ئابلىز ھېمىت، يۈسۈپ ھېمىت ھاجى، ئەسئەت سۇلايمان، ئابدۇرېھىم راخمان، مېھراي مەمتىلى، ئارسلان تالىپ.... قاتارلىقلار ئەنە شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
راھەت باغ ئوتتۇرا مەكتىپى 1977-يىلى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلارنى تەسىس قىلغاندىن كېيىن، قۇمۇلنىڭ راھەتباغ يېزىسىدىنلا ئەمەس، ئەتراپتىكى باشقا 7 يېزىدىن، ھەتتا قۇمۇل شەھەر ئىچىدىنمۇ ئوقۇغۇچىلار تەلپۈنۈپ كېلىدىغان بىر مەكتەپكە ئايلانغان. بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە كۆچۈش نىسبىتى ئىزچىل 90%tin يۇقىرى بولۇپ كەلگەن بولۇپ 1985-ۋە 1986-يىللىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى مەملىكەت بويىچە 2-ئورۇنغا ئۆتكەن.
قۇمۇل مائارىپ تورىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى راھەتباغ ئوتتۇرا مەكتىپىنى قۇمۇل شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە قوشۇۋېتىش ئۇقتۇرۇشىنى بۇ يىل 3-ئاينىڭ 22-كۈنى تارقاتقان. ئۇنىڭدا دائىرىلەرنىڭ مەبلەغنى بىر يەرگە توپلاپ، ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەقسىتىدە راھەتباغ ئوتتۇرا مەكتەپ، چۆلتۈر ئوتتۇرا مەكتەپ، بوغاز مەكتەپ، ئاستانە مەكتەپ قاتارلىق بىر قانچە مىللىي ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا قىسمىنى شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە يىغىنچاقلايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يولغا قويۇۋاتقان مەكتەپلەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشتىن ئىبارەت سىياسىتى بىلەن نۇرغۇن مىللىي مەكتەپلەر مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىقتىسادنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئوقۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش شوئارىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان ئىدى.
ئەمما، خىتاي ئاخباراتلىرىدا يېقىندا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى مەركەزلەشتۈرۈپ مەكتەپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە يىغىلغان مەكتەپلەرنى تارقاقلاشتۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت كەينىگە يېنىش سىياسىتىنى قوللىنىۋاتقان بىر پەيتتە، راھەتباغ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ يەنىلا ئىلگىرىكى خاتا سىياسەتنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىش خەۋپىگە ئۇچرىشى ئۇيغۇرلاردا زور غۇلغۇلا قوزغىماقتا.
ئۇيغۇر ئېلى ئىچى-سىرتىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تەرەققىياتىغا ئالاھىدە تەسىر كۆرسەتكەن، ئالىملار بۆشۈكى قۇمۇل راھەتباغ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە ئويلانماقتا. مەزكۇر مەكتەپ يېتىشتۈرگەن ھازىر ياۋروپادا داۋاملىق ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان ئىجتىمائىي پەن ئالىملىرىدىن مېھراي مەمتىلى خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، پەخىرلىك ئانا مەكتىپى بولغان قۇمۇل راھەتباغ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭمۇ سىياسەتنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىشىگە بولغان ئەندىشىسىنى بىلدۈردى.
مېھراي خانىم يەنە، ئانا مەكتىپىدىكى گۈزەل ئەسلىمىلىرىنى تىلغا ئالغاندا راھەتباغ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئىسمى-جىسمىغا لايىق جانغا راھەت، باغ-بوستانلىق تەبىئىي مۇھىتى ھەققىدە ئالاھىدە توختالماي تۇرالمىدى.
ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە نۇرغۇن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى «مىللەتنىڭ تەقدىر قىسمىتى ئۈچۈن غەم يېيىش ھەر بىر تىرىك جاننىڭ يۈرىكىگە ئوت يېقىشى كېرەك...راھەتباغ ئوتتۇرا مەكتىپى چوقۇم ساقلىنىپ قېلىشى، شۇنداقلا ئىلگىرىكى شۆھرىتىنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك...»، «مەكتەپنى قۇتقۇزۇپ قېلىش، ماھىيىتىدىن ئالغاندا ئوماق بالىلىرىمىزنى قۇتقۇزۇپ قېلىش، شۇڭا راھەتباغدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بەدەل تۆلەيدىغان ۋاقتى كەپتۇ...»، «55 يىل يانغان ئىلىم مەشئىلى ئۆچۈپ قالمىسۇن!.... قېرىنداشلار ئالىملىرىمىزنىڭ ئالتۇن بۆشۈكىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوغدايلى!!!....» دەپ خىتاب قىلماقتا.