رەجەب ئېيى توغرۇلۇق ئىسلام كۆرسەتمىسى

ئاللاھ تائالا ئايلارنىڭ ۋە كۈنلەرنىڭ، ھەتتا جايلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن پەزىلەتلىك قىلىپ ياراتقان. مەسىلەن: ئايلاردىن رامىزان ئېيى باشقا ئايلاردىن ئۇلۇغ بولۇپ، بۇ ئايدا قىلىنغان ئىبادەتلەرگە ھەسسىلەپ ساۋاب بېرىلىدىغانلىقىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەدىسلىرىدە بايان قىلغان. كۈنلەردىن ھەج كۈنى ۋە ئەرەفە كۈنلىرىنى، كېچىلەردىن قەدىر كېچىسىنى پەزىلەتلىك قىلىپ يارىتىپ بۇ بۇ ۋاقىتلاردا قىلىنغان ياخشى ئەمەللەرنىڭ ساۋابى چوڭ بولىدىغانلىقى ھەققىدە ھەدىسلەر كەلگەن. شۇنداقلا، جايلاردىن مەسجىدى ھەرەمنى ئۇلۇغ ياراتقان بولۇپ، مەسجىدى ھەرەمدە ئوقۇلغان بىر ۋاخ نامازغا باشقا جايلاردا يۈز مىڭ ۋاخ ناماز ئوقۇغاننىڭ ساۋابى بېرىلىدىغانلىقىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام سۆزلىگەن. ئەمما رەجەب ئېيى توغرۇلۇق ئالاھىدە ئىبادەت بەلگىلەنگەن ئەمەس.

0:00 / 0:00

ئابدۇلكەرىم ھاجىم بىلەن سۆھبەت

رەجەب ئېيى توغرىلۇق كۆپرەك مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن پاكىستان خەلقئارالىق ئىسلام ئۇنىۋېرستېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدىكى دارۇلھەدىس بىلىمگاھىدا يۇقىرى بىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان ئابدۇلكەرىم ھاجىمغا بىر قانچە سوئال بىلەن مۇراجىئەت قىلغان ئىدۇق. تۆۋەندە بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

رەجەب ئېيىنىڭ پەزىلىتى

ئابدۇلكەرىم ھاجىم رەجەب ئېيىنىڭ پەزىلىتى توغرىلىق مۇنداق دېدى: « رەجەب ئېيى ئاللاھ تائالا ئۇرۇش قىلىشنى ھارام قىلغان تۆت ئاينىڭ بىرى. قۇرئان كەرىمدە بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلگەن:« شۈبھىسىزكى، ئاسمان ۋە زېمىن يارىتىلغاندىن تارتىپ (قەمەرى) ئايلارنىڭ سانى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا (يەنى لەۋھۇلمەھپۇزدا) 12 دۇر، ئۇلاردىن تۆتى (يەنى زۇلقەئدە، زۇلھەججە، مۇھەررەم، رەجەب) ئۇرۇش قىلىش ھارام قىلىنغان ئايلاردۇر، بۇ توغرا دىندۇر (يەنى مەزكۇر تۆت ئايدا ئۇرۇشنىڭ ھارام قىلىنىشى ئاللاھنىڭ توغرا دىنىدۇر)، بۇ ئايلاردا (ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىماسلىق بىلەن، ئاللاھ چەكلىگەن گۇناھ ئىشلارنى قىلىش بىلەن) ئۆزۈڭلارغا زىيان سالماڭلار». ئىسلام كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن، ئۇرۇش قىلىش ھارام قىلىنغان زۇلقەئدە، زۇلھىججە، مۇھەررەم ۋە جەرەب ئايلىرىدا، مۇسۇلمانلارنىڭ قايسىبىر دۈشمەنگە قارشى ئۇرۇش ئېچىشى مەنئى قىلىنغان. پەقەت دۈشمەن مۇسۇلمانلارنىڭ مەملىكىتىگە بېسىپ كىرگەن ياكى ئۇرۇشنى بىرىنچى بولۇپ باشلاتقان ۋاقىتتا، بۇ چەكلىمە ئەمەلدىن قالغان بولىدۇ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇرۇش سەپەرۋەرلىكىگە ئۆتۈشى پەرز بولىدۇ. رەجەب ئېيىمۇ ئۇرۇش قىلىش ھارام قىلىنغان مەزكۇر تۆت ئاي ئىچىدىن ئورۇن ئالغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئاينىڭ ھۆرمىتىنى ساقلاش زۆرۈردۇر.»

رەجەب ئېيىدا مۇراسىم قىلىش يوق

ئابدۇلكەرىم ھاجىم رەجەب ئيىىدا مۇراسىم ئۆتكۈزۈش ۋە بۇ ئاينىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن روزا تۇتۇشنىڭ بىدئەت ئىكەنلىكى ھەققىدە مۇنداق دېدى:« بەزى مۇسۇلمان مىللەتلەردە، رەجەب ئېيىدا ئالاھىدە مۇراسىملارنى ئۆتكۈزۈش ياكى رەجەب ئېيىدا مەخسۇس ئىبادەتلەرنى بەلگىلىۋېلىش خاھىشى بولۇپ، بۇ توغرىدا كەلگەن ھەدىسلەرنىڭ ئويدۇرۇلغان ياكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا مەنسۇپ قىلىنىشىغا يېتەرلىك دەلىلى بولمىغان ھەدىسلەر ئىكەنلىكىنى ھەدىسشۇناس ئالىملار، ھازىرقى زامان مەشھۇر ئۆلىمالىرىدىن دوكتۇر يۈسۈف ئەل قەرداۋىي، مىسىر ئەزھەر ئالىي بىلىمگاھىنىڭ كاتتا ئۆلىمالىرىدىن دوكتۇر ئەتىيە سەقەر ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانى كاتتا ئولىمالار ھەيئىتىنىڭ بارلىق ئالىملىرى بىردەك سۆزلىمەكتە ۋە رەجەب ئېيىغا خاس ئىبادەت ياكى خاس روزىنىڭ يوقلۇقىنى تەكىتلىمەكتە. رەجەب ئېيىنى خاتىرىلەشنىڭ ئەڭ ياخشى يولى بۇ ئايدا مۇسۇلمانلارنىڭ قولىغا كەلگەن غەلىبىلەرنى ئەسلەش ۋە خاتىرىلەشتۇر. مەسىلەن: ئىسلام تارىخىدىكى مەشھۇر ئۇرۇش تەبۇك ئۇرۇشى 9 - ھىجرىيە، 630 - مىلادىيە يىلى رەجەب ئېيىدا بولغان. ئۇلۇغ قوماندان سالاھىددىن ئەييۇبىينىڭ پەلەستىندىكى بەيتۇلمەقدىس شەھىرىنى ئازاد قىلىپ، مەسجىد ئەقسانى ئەھلى سەلىبنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغانلىقى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ شەنىنى كۆتۈرگەنلىكى 1187 - يىلى رەجەب ئېيىدا بولغان ئىدى.»

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.