تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان يۈزمىڭلىغان كىشىلەرنى ئەنقەرە شەھەر باشلىقى نامزىتى مەلىھ گۆكچەككە راي بېرىشكە چاقىرىش بىلەن بىرلىكتە ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت پىلانىنى ئاڭلاتقان ئىدى.
نۇتقىدا ئۇيغۇر مەسىلىنىمۇ تىلغا ئېلىپ "خىتاينىڭ سىنجان رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىنىمۇ ئەنقەرە سىنجاندىكىلەرنىڭ ھەق ھوقۇقىنىمۇ بۈيۈك ئويلىغان كىشىلەر قوغدىيالايدۇ، بىزنىڭ تارىخ سەھنىسىدىكى ۋەزىپىمىز پارچە - پارات ئويلىماسلىق، نەدىن كەلگەنلىكىمىزنى بىلسەك نەگە بارىدىغانلىقىمىزنى بىلەلەيمىز"، دېگەن ئىدى.
تۈركىيە باش مىنىستىرىنىڭ بۇ نۇتقى نەق مەيداندىن تېلېۋىزىيىلەردىن تارقىتىلغان ئىدى. باش مىنىستىرنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە دېگەن بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان ئۇيغۇرلار ھەيران قېلىش بىلەن بىرلىكتە خوشاللىققا چۆمگەن ئىدى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تارىخىدا بىر باشمىنىتىر بۇ خىل يىغىلىشلاردا ئۇيغۇرلار ھەققىدە بۇنداق بىز سۆز قىلىپ باقمىغان ئىكەن.
تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان نېمە ئۈچۈن بۇنداق دېدى؟ بۇ نېمىنىڭ بىشارىتى؟ بۇنى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۈركىيىنىڭ كۈن تەرتىپىگە كېلىشكە باشلىغانلىقىنىڭ ئىشارىتى دېگىلى بولامدۇ؟ بۇ ھەقتە كۆز قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈرك سىياسەتچى ۋە مۇتىخەسىسلەرگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.
در. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇنىڭدىن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى ۋە تۈركىيىنىڭ رايون خاراكتېرلىق چوڭ دۆلەت بولۇش ئارزۇسىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
پارلامېنت ئەزاسى در.رېشات دوغرۇ ئەپەندى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ بۇنداق چوڭ بىر يىغىلىشتا ئۇيغۇر مەسىلىسىدىن سۆز ئېچىشىنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى ئەمما خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بالدۇرراق ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
ئەنقەرە بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى در. ھاسان ئالى قاراسار ئەپەندى باش مىنىستىرنىڭ ئەنقەرە سىنجاندا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشىدىكى سەۋەبنىڭ بۇ يەردىكى دىندار مىللەتچى، ئۇيغۇرلارنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنىڭ رايىنى ئېلىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئەمما تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تاشقى سىياسىتىنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كېلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.