تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردۇغان ئۈرۈمچىگە كەلگەندە...

تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان باشلىق بەش مىنىستىر ۋە كارخانىچى ھەم مۇخبىرلار بولۇپ 300 دىن ئارتۇق كىشىدىن تەركىب تاپقان تۈركىيە زىيارەت ئۆمىكىنىڭ خىتايدا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىنىڭ بىرىنچى بېكىتى ئۈرۈمچى بولدى.

0:00 / 0:00

گەرچە، ئەردۇغاننىڭ ئۈرۈمچىدىكى زىيارىتى بىر كۈن بىلەنلا چەكلەنگەن بولسىمۇ، خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بارغان زىيارىتى داۋامىدا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئالغان. ھالبۇكى، ئەردۇغاننى يەنىلا كوچىلاردا مىڭلارچە ئۇيغۇرلار ھاياجان ئىلىكىدە ئوتلۇق سالاملار بىلەن قارشى ئالغان. رەجەپ تاييىپ ئەردۇغان خىتاينىڭ 2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل ۋەقەسىنى قانلىق باستۇرغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلەپ «بۇ، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلىغان ئىدى. تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردۇغاننىڭ ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلىشى ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن قانداق ئەھمىيەتكە ئىگە؟ بۇ، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە خىتايغا قانداق بىر سىگنال بېرىدۇ؟

تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردۇغان باشچىلىقىدىكى تۈركىيە زىيارەت ئۆمىكىنىڭ 7-ئاپرېل يولغا چىقىپ زىيارىتىنى ئۈرۈمچىدىن باشلايدىغانلىقى ئۇيغۇرلاردىن مەخپىي تۇتۇلغان بولۇپ، بۇ ھەقتە خىتاينىڭ ھېچقانداق مەتبۇئاتىدا ئۇچۇر بېرىلمىگەن. 8-ئاپرېل كۈنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئەردۇغان بارغان مەسچىت ۋە چوڭ بازار ئەتراپىنى تولۇق قوراللانغان قوغدىغۇچى ساقچى كۈچلىرى بىلەن قورشاپ، ھېچقانداق ئاپتوموبىل ۋە ئادەمنى كىرگۈزمىگەندىن كېيىنلا بۇ خەۋەر ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارقالغان، شۇندىلا باش مىنىستىر ئەردۇغاننىڭ ئۈرۈمچىگە كەلگەنلىكى ئۇيغۇرلارنى كۈچلۈك ھاياجانغا سالغان. بۇ ھاياجانلىق مەنزىرىلەر نۆۋەتتە تۈرك مەتبۇئاتلىرى، ئەركىن ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە بەزى خەلقئارالىق ئاممىۋى ئۇچۇر تور بېكەتلىرىدە كەڭ تارقالغان بولسىمۇ، خىتايدا بۇ كۆرۈنۈشلەر ۋە بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلار پۈتۈنلەي توسۇۋېتىلگەن.

بىز 10-ئاپرېل يەنى ئەردۇغان ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىپ ئىككى كۈندىن كېيىن ئۈرۈمچىگە تېلېفون قىلغىنىمىزدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياجىنىنى ئىپادە قىلىشتىنمۇ ئېھتىيات قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى. ئەردۇغان مەخسۇس زىيارەتتە بولغان چوڭ بازاردىكى نۇرغۇن دۇكان ئىگىلىرى گەرچە ئەردۇغاننىڭ زىيارىتىدىن ئىنتايىن ھاياجانلانغان بولسىمۇ، بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئارىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر سودىگەر ئەردۇغاننى ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار ئىنتايىن ھاياجان بىلەن قارشى ئالغان بولسىمۇ، مەتبۇئاتتا ھېچقانداق خەۋەر ياكى ئىنكاس كۆرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۈرۈمچى خەلقئارا چوڭ بازىرىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل ساقچى پونكىتىدىن بىر ئۇيغۇر ياش ساقچىنىڭ سۆزلىرىدىن، ئەردۇغاننىڭ ئۈرۈمچىدىكى بىر كۈنلۈك زىيارىتى داۋامىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى بارلىق ساقچىخانىلىرىنىمۇ ئىشقا سالغانلىقى ئاشكارىلاندى. بۇ ساقچىنىڭ بايانلىرىدىن يەنە ئەردۇغاننىڭ زىيارىتىگە قارىتا دائىرىلەرنىڭ جىددىي كەيپىياتىنىڭ يەنىلا داۋام قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.

بۈگۈنگە قەدەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئاخباراتلاردا ئەردۇغاننىڭ ئۈرۈمچىدە توختاپ ئۆتكەنلىكى ھەققىدە قىسقا ئۇچۇر بېرىلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئاممىسى بىلەن ھاياجان ئىلىكىدە كۆرۈشكەنلىكى، مەسچىتتە ئۇيغۇرلار بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇپ ئۇلار بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشكەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى، ھالبۇكى زىيارەت ئۆمىكىدىكى تۈرك مۇخبىرلىرى تەرىپىدىن خاتىرىلەنگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈرۈمچىدە ئەردۇغاننى كۈتۈۋالغاندىكى چوڭقۇر ھۆرمەت، قىزغىن سالاملىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ قوللانغان قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى سەۋەبلىك ئەردۇغان بىلەن كۆرۈشەلمەي كۆز ياش قىلىشقانغا ئوخشاش ھاياجانلىق كۆرۈنۈشلەر، 8-ئاپرېلدىن باشلاپ پۈتۈن چوڭ-كىچىك تۈرك ئاخباراتلىرىنى قاپلىغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنى ھاياجانغا سالغان، ئۇلارنىڭ ھەتتا كۆز يېشى قىلىشىغا سەۋەب بولۇۋاتقان ئامىللار ھەققىدە كەڭرى مۇلاھىزىلەر ئېلان قىلىنماقتا.

بۈگۈن يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قويغان رەئىسى نۇر بەكرى مازاق قىلىنغان خەۋەرلەر بىر قەدەر كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان بولۇپ، بۇ خەۋەرلەردە، تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردۇغاننىڭ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قويغان رەئىسى نۇر بەكرىگە مەسچىتتىن چوڭ بازارغىچە پىيادە بىرگە ماڭايلى دەپ تەكلىپ بەرگەندە، نۇر بەكرىنىڭ بۇ تەكلىپنى رەت قىلىپ، ئۆزى ۋالىي بولغان بۇ شەھەرنىڭ ھەر مېتىرىغا بىردىن ساقچى قويۇلغان كوچىسىدىمۇ مېڭىشقا جۈرئەت قىلالمىغانلىقى تەنقىد ۋە مەسخىرىگە قالغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۈركىيىدىكى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، ئەردۇغاننىڭ ئۈرۈمچىدىكى زىيارىتىنىڭ تۈركىيىدە قوزغىغان ئىنكاسلىرى ھەققىدە توختالدى.

سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى يەنە، رەجەپ تاييىپ ئەردۇغاننىڭ ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلىشىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋە خىتايغا قانداق سىگنال بېرىدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ:
‏«ئەردۇغاننىڭ خىتايدا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىدە ئۈرۈمچىنى تاللىشى تارىخىي، سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە، بۇ تۈرك خەلقىنىڭ ۋە تۈركىيە دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يالغۇز قويمايدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىپ، ئۇيغۇرلارغا تۈركلەرنىڭ قېرىنداشلىق مېھرىنى يەتكۈزۈپ، ئىلھام ھەم جاسارەت بېغىشلىسا، خىتايغا نىسبەتەن تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرنىڭ قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ قويدى....» دېدى.