باش مىنىستىر بىلەن بىرلىكتە خىتايغا بارغان شىركەت خوجايىنلىرى خىتايلار بىلەن 4 مىليارد 400 مىليون دوللارلىق ئېنېرگىيە توختامنامىسى تۈزگەن. تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى بولغان شاڭخەيدە خىتاي شىركەتلىرىنىڭ خوجايىنلىرىغا قىلغان نۇتقىدا، خىتاي شىركەتلىرىنى تۈركىيىگە مەبلەغ سېلىشقا چاقىرغان. تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شاڭخەيدە قىلغان نۇتقىدا، 2011-يىلى تۈركىيىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان تىجارەت سوممىسىنىڭ 24 مىليارد دوللار بولغانلىقى، تۈركىيە خىتايغا پەقەتلا 2 يېرىم مىليارد دوللارلىق مال ئېكسپورت قىلغانلىقىنى، بۇ سودا تەڭپۇڭسىزلىقىنى بالدۇرراق تۈگىتىش، بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ تۈركىيىگە مەبلەغ سېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. خىتاي دۆلىتى ياۋروپادا گېرمانىيە ۋە رۇسىيىدىن قالسا تۈركىيىگە ئەڭ كۆپ مال سېتىۋاتقان دۆلەتلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.
باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شاڭخەي خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك تىلى كافېدراسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ نۇتۇق سۆزلىگەن. بۇ ئۇنىۋېرسىتېت باش مىنىستىرغا پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانى بەرگەن.
بەزى مۇتەخەسسىسلەر تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي ۋە سودا مۇناسىۋەتلەرنىڭ كۈچىيىشى تۈركىيىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىشىنى ئاجىزلىتىدىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە چەكلىمە قويىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسە، يەنە بەزى كىشىلەر ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت كۈچەيگەنسېرى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم بىر مەسىلىگە ئايلىنىدىغانلىقى، تۈركىيىنىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىدىغان، ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە تىرىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
بىز بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى ئىگىلەش ئۈچۈن تۈركىيە ئايدىن ئادنان مەندەرەس ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى در. سەلچۇق چولاقوغلۇ ئەپەندى ۋە ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندىلەر بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.