بۇ رەسىم كۆرگەزمىسىنى ئەلازىغ شەھىرىدىكى بىر گۇرۇپپا تۈرك زىيالىي ياشلار ئۇيۇشتۇرغان. ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇم چېكىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى ئىپادىلەنگەن بۇ رەسىم كۆرگەزمىسىگە ئەلازىغ خەلقىنىڭ دىققىتى تارتىلدى ۋە ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقى تېخىمۇ كۈچەيدى.
بىز بۇ رەسىم كۆرگەزمىسى ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن كۆرگەزمىنى ئۇيۇشتۇرغان ئەلازىغلىق زىيالىي ياشلارنىڭ مەسئۇلى فەخرىددىن ئاقسوي ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

خىتاينىڭ زۇلۇم ۋە باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى ئىپادىلىگەن «شەرقىي تۈركىستان رەسىم كۆرگەزمىسى» ناملىق بۇ كۆرگەزمىنى ئۇيۇشتۇرغان كۆرگەزمە مەسئۇلى فەخرىددىن ئاقسوي ئەپەندى مۇنداق دېدى: خىتاينىڭ ئاسارەت ئاستىدا قالغان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز چېكىۋاتقان زۇلۇم ۋە ئۇ يەردە ئۆلۈۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنى چۈشەندۈرگەن رەسىم كۆرگەزمىسىنى ئەلازىغ شەھىرىدە ئاچتۇق.
بۇ رەسىم كۆرگەزمىسىنى ئېچىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا قىلىنىۋاتقان زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش مەقسىتىدە تۈرك ياشلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ناھەقچىلىكنى رەسىم ئارقىلىق خەلق ئاممىسىغا كۆرسىتىش، ئۇيغۇرلار ھەققىدە خەلقىمىزنى مەلۇماتقا ئىگە قىلىش مەقسىتىدە بۇ رەسىم كۆرگەزمىسىنى ئېچىشنى مۇۋاپىق تاپتۇق.
فەخرىددىن ئاقسوي سۆزىدە يەنە، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارتىۋاتقان زۇلۇم ۋە بېسىم ئاستىدا قالغانلىقىنى ئىپادىلىگەن بۇ رەسىم كۆرگەزمىسىنىڭ 2 كۈن داۋام قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.